قۇلاقنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئاۋاز سېزىشتىن ئىبارەت قۇلاقنىڭ ئاۋاز ھېس قىلالىشى ئاڭلاش قۇۋىتى ( قۇۋۋەئى سامىئ

 قۇلاقنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئاۋاز سېزىشتىن ئىبارەت .

قۇلاقنىڭ ئاۋاز ھېس قىلالىشى ئاڭلاش قۇۋىتى ( قۇۋۋەئى سامىئە ) دىن باشقا سىرتقى ۋە ئىچكى قۇلاق يەنە قۇلاق سۇپرىسى ، قۇلاق يولى ، قۇلاق پەردىسى ، ئاڭلاش سۆڭەكلىرى ۋە ئاڭلاش ئەسەبلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەرخىل دەرىجىدىكى ۋاستىلىق رولى ئارقىلىق مېڭىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئورتاق ھېس قىلىش ( ھىسسى مۇشتەرەك ) كۈچى تۈپەيلىدىن بارلىققا كېلىدۇ .

شۇڭا ئاڭلاش خىزمىتىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قۇلاق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ۋە پايدىسىز ئامىللار بىلەن تونۇشۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . قۇلاقتىكى ھەرخىل كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مېڭىدىكى ئۆزگىرىسلەرنىڭ ئىنكاسى بولۇپ ، مەلۇم مەنىدە ئېيتقاندا قۇلاقنى ئاسراش رەئىس ئەزا مېڭىنى ئاسرىغان بىلەن تەڭ . 

    

    قۇلاقنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش  كېرەك . بۇنىڭدا ئاساسلىق سىرتقى قۇلاق يولىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ، قۇلاقنى قالايمىقان كولىماسلىق كېرەك .ئۇنداق بولمىغاندا قۇلاق يولىغا كىر توپلىشىپ قېلىپ قۇلاق قىچىشىش قاتالىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ئۇنىڭغا قۇلاقنى قالايمىقان كولاش قوشۇلسا ، قۇلاق يولى جەراسمىلار قۇلاقنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىپلا قالماي ، بەلكى قۇلاققا يېقىن بولغان ئەزا مېڭىدە ئىششىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ .

شۇڭا ئامال بار چاڭ _ توزانلىق جايلاردا كۆپ تۇرماسلىق ، بۇلغانغان سۇ ۋە ھاشارات قاتارلىقلارنىڭ قۇلاق يولىغا كىرىپ كېتىشدىن ساقلىنىش ، قۇلاقنى قالايمىقان كولىماسلىق كېرەك . يۈز - كۆزنى يۇيغاندا قۇلاقنى پاكىزە يۇيۇش ، قۇلاق يولىغا سۇ كىرگۈزۈۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا سىرتقى قۇلاق تۆشۈكىنىڭ ئېغىزىغا بارماق يۇمشىقىنى ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇپ تازىلاش ، سىرتقى قۇلاق يولىغا ھەپتە _ ئون كۈندە بىر قېتىم بادام يېغى قاتارلىقلارغا تەككۈزۈپ سىرتقى قۇلاق يولىغا ئېھتىيات بىلەن كىرگۈزۈپ قۇلاق تاملىرىنى سۈرتۈش كېرەك .

ئۇنىڭدىن كېيىن قىزىق مۇنچىغا چۈشسە ياكى قۇلاقنى ھوردىسا كىرلەر ئۈزلۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ . چاڭ _ توزان ۋە شامال _ بوران چىققان شارائىتتا ئىشلىگەن ياكى قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ۋى كىچىك قۇرۇت _ ھاشارات كۆپ بولغام مۇھىتتا ياشىغاندا پاكىزلەنگەن پاختىدىن كىچىك شارچە ياساپ قۇلاق تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇش ، قۇلاقنى قالايمىقان كولىماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا يۇقىرىقىدەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت ، قۇلاق پەردىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاڭلاش سېزىمنىڭ تۆۋەنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ھەرخىل قۇلاق جاراھەتلىرى ۋە ئاقمىسغان سەۋەب بولىدۇ .

يېمەك _ ئىچمەك ۋە يېتىپ قوپۇش جەھەتتە زىيادە ئىسسىق _ سوغۇق ۋە يەللىك نەرسىلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش ، بولۇپمۇ ئەدەس ، باقىلا ، بادەنجانغا ئوخشاش نەرسىلەردىن كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك .ئاڭلاش ئىقتىدارىنى نابۇت قىلغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك . ئاڭلاش ئىقتىدارىنى نابۇت قىلغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش ساقلىنىش كېرەك . بەك سوغۇق ، ئىسسىق جايلاردا يېتىش ، قاتتىق قەي قىلىش ، ھەددىدىن زىيادە جىنسىي ئالاقە قىلىش ، كۆپ مۇنچىغا چۈشۈش ، كۆپ ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلاردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك .

تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىرىغان ۋە دەھشەتلىك پارتلاشتىن پەيدا بولغان ئاۋازلاردىن ساقلىنىش كېرەك . يىلدا بىرەر قېتىم مۇناسىۋەتلىك ھەب ۋە ئىيارەجلەر بىلەن بەدەننى تازىلاپ تۇرغاندا قۇلاققا مۈدۈر _ چاقا ، ئىششىق ۋە جاراھەت پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . قۇلاقتا پەيدا بولغان مۈدۈر _ چاقىلار مېڭىدىكى ئىششىقلاردىن خەۋەر بېرىدۇ . بۇ چاغدا سىرتقى جەھەتتە شىيافى ئەبيەزنى ئۈزۈم سىركىسىدە ئېرىتىپ قۇلاققا قويۇش ياكى بادام يىغىنى تېمىتىش قۇلاقنى ئاسراشقا كۆپ پايدىلىق . قۇلاققا تېمىتىلىدىغان دورىلار بەك قىزىق ياكى سوغۇق بولماي بەلكى يىلمان بولۇش ، بەك كۈزلۈك دورىلارنى يىراقلا ئىشلەتمەسلىك كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا مېڭە پەردە ۋەرىمى ( مېننىگىت ) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بۇرۇننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە چۈشەندۈرۈلۈشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىچىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .