بۇرۇن پارسىچە بىينى ،ئەرەپچە ئەنف دەپ ئاتىلىدۇ ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى تاشقى بەش سەزگۈ ( ھەۋاسى خەمىسە زاھىرى )

 بۇرۇن پارسىچە بىينى ،ئەرەپچە ئەنف دەپ ئاتىلىدۇ  . ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى تاشقى بەش سەزگۈ ( ھەۋاسى خەمىسە زاھىرى ) ئەزانىڭ بىرى .

ئۇنىڭ ئاسالىق ۋەزىپىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەرخىل پۇراقلارنى ئۆزىدىكى پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى سامما ) ئارقىلىق ئەينى بويىچە سېزىپ ، چوڭ مېڭە ئالدىنقى قىسمىدىكى ئورتاق ھىس قىلىش ( ھىسى مۇشتەرەك ) ئورنىغا يەتكۈزۈپ نورمال پۇراش سېزىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ ، ئىنسانلارنى نەپەسلىنىش ئۈچۈن ۋاستە يول بىلەن تەمىنلەش ، ئاۋازنى جاراڭلىق قىلىش ۋە يۈزگە زىننەت بېرىش رولىنى ئوينايدۇ .

بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشى  نورمال بولغاندىلا ئىنسانلار ھەرخىل پۇراقلارنى توغرا ھېس قىلالايدۇ . بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشى نورمال ۋە كېسەللىكلەردىن خالى بولغاندىلا ئىنسانلار مەلۇم مەنىدە ئېيتقاندا نورمال نەپەسلىنىش ، ئاۋازى جاراڭلىق بولۇشتەك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولالايدۇ . شۇڭا تىبابىتىمىز بۇرۇننىڭ سىرتى ۋە ئىچكى قىسىمدا يۈز بەرگەن كېسەللىكلىرى ھەمدە ئۇلاردىكى مىزاجلىق ، مىزاجسىز ئۆزگىرىشلەر ۋە سىرتقى زەخمىدىن بولغان كېسەللىكلىرىنىڭ سەۋەبى ، ئالامىتى ، داۋاسى ( ئىچكى ۋە تاشقى داۋاسى ، دەستىكارلىق ئۇسۇللىرى ) ، پەرھىزى ، ئوزۇقلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە خاس مىللىي ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ .


     بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى توغرا تەشخس قىلىش ھەمدە ئۇلارنى خاس مىللىي ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ .

بۇرۇن كېسەللىكلىرىنى توغرا تەشخىس قىلىش ھەمدە ئۇارنى توغرا داۋالاپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك .
بۇرۇننىڭ تۈزۈلۈشى


    بۇرۇن ئادەم بەدىنىدىكى تاشقى بەش سەۈگۈنىڭ بىرى بولغان پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى شاممە ) نىڭ خىزمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى مەخسۇس ئەزادۇر . ئۇ پۇراش خىزمىتىنى بېجىرىشتىن سىرت نەپەسلىنىش ۋە ئاۋازنىڭ جاراڭلىق چىقىشقا ياردەم بېرىشتەك روللارغا ئىگە .


بۇرۇن _ سىرتقى بۇرۇن ۋە ئىچكى بۇرۇن يەنى بۇرۇن بوشلۇقىدىن تەركىب تاپقان .


سىرتقى بۇرۇن


     بۇرۇننىڭ شەكلى ئۈچبۇرجەك بولۇپ ، يۈزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كالپۇكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان . ئۇنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى تارراق بولۇپ ، پېشانىغا تۇتىشىدۇ . تۆۋەنكى جايلاشقان . ئۇنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى تارراق بولۇپ ، پىشانىغا تۇتىشىدۇ . تۆۋەنكى تەرىپى كەڭرەك بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئىككى تۆشۈك بولىدۇ .

بۇرۇننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى سۆڭەك ، تۆۋەنكى يېرىمى كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن بولىدۇ . بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكى ئوتتۇرىسىدا بۇرۇننى ئوڭ ۋە سول ئىككىگە بۆلۈپ تۇرغۇچى بىر دىۋار ياكى تام بار بولۇپ ، ئۇ بۆلگۈچى كۆمۈرچەك ( غوزرۇفى فاسىل ) دەپ ئاتىلىدۇ . بۇرۇن تۆشۈكلىرىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە تۈكلەر بولۇپ ، نەپەسلەنگەندە چاڭ _ توزان قاتارلىقلارنى توساپ قېلىش رولىنى ئوينايدۇ . بۇرۇننىڭ سىرتى ئىككى يان قىسمى ئۈستى تەرەپتە بىرلىشىپ بۇرۇن قىرىنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئالدى تەرەپتە بىر دۆڭچە ھاسىل قىلىپ ئاخىرلىشىدۇ . بۇ بۇرۇن ئۇچى دەپ ئاتىلىدۇ .


بۇرۇندا 3 سۆڭەك يەنى ئىككى يان سۆڭەك ۋە بىر ئوتتۇرا پاسىل سۆڭەك بولىدۇ . بۇ سۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپى تار ئەمما قېلىن ، تۆۋەن تەرىپى كەڭ ئەمما نېپىز بولغاچقا سىرتقى زەخمىگە ئۇچرىغاندا تۆۋەن تەرىپى ئاسانلا سۇنىدۇ ياكى جايىدىن يۆتكىلىپ كېتىدۇ .


    بەش كۆمۈرچەك يەنى ، ئىككى ، يۇقىرىقى يان كۆمۈرچەك ( غۇزرۇفى جانىبەئى ئەلا ) ، ئىككى تۆۋەندىكى يان كۆمۈرچەك ( غۇزرۇفى جانىبەئى سوفلا ) بولىدۇ . بۇ ئىككى كۆمۈرچەك بۇرۇن ئىككى تۈشۈكىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ ، ئۇلار قاناتسىمان كۆمۈرچەكلەر ( غوزرۇفى فاسىل ) بولۇپ ، بۇ بەش كۆمۈرچەك مەزمۇت ۋە قېلىن كەلگەن بىر يىپلىق پەردە ( غىشائى غوزورۇفى ) ئارقىلىق بۇرۇننىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ . بۇرۇننىڭ ئىچكى تەرىپىنى ئەستەرلەپ تۇرىدىغان بەلغەمسىمان پەردە ( غىشائى مۇخاتى ) تاشقى جەھەتتە بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ گىرۋەكلىرىگە بۇرۇن تېرىسى ئارقىلىق ، ئىچكى جەھەتتە بۇرۇن غارى ( بۇرۇن بوشلۇقى ) نىڭ ئەستەرسىمان پەردىسى ئارقىلىق تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ .


    سىرتقى بۇرۇندىكى ۋەرىيد تومۇر ( كۆك تومۇر ) لار يۈز قىسمىدىكى كۆك تومۇرلار ئارقىلىق مېڭىگە تۇتىشىدۇ . يۈزدىكى كۆك تومۇرلارنىڭ قاپقاقلىرى بولمىغاچقا قان ئېقىمى يۇقىرى _ تۆۋەن ئېقىپ تۇرىدۇ . شۇڭا بۇرۇندىكى جاراھەتلەرنى قول بىلەن قالايمىقان سىقىپ ئوفۇنەتلەندۈرۈپ قويۇلسا ، ئوفۇنەتلەر مېڭە ئىچىگە كىرىپ كېتىپ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى ھەتتا ئۆلۈم خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .


ئىچكى بۇرۇن


ئىچكى بۇرۇن _ بۇرۇن غارى ياكى بۇرۇن بوشلۇقى ( جەۋفۇلئەنفى ) دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ يۈزنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىغا ، تاماقنىڭ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ . ئوتتۇرا پاسىل ئارقىلىق ئوڭ ۋە سولغا بۆلۈنۈپ تۇرغان ئىككى بوشلۇقتىن ئىبارەت . بۇرۇن تۈكلىرى ، ماي ۋە تەر بەزلىرى بولۇپ ئاسانلا چاجا پەيدا بولىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقلىرىنىڭ ئىككىسىدىلا ئىچكى جەھەتتە يۇقىرى ۋە تۆۋەندە ئىككىدىن تۆشۈك بولۇپ ، يۇقىرىدىكى ئىككىسى يۈز بىلەن تۆۋەندىكى ئىككىسى يۇتقۇنچاق بىلەن تۇتۇشىدۇ .

1. ياش كانالچىسى ( مەجرەددەمئى ) ئارقىلىق كۆز ئۆيى بوشلۇقى بىلەن تۇتۇشىدۇ .

2. تاماق يۇقىرى كانالچىسى ( مەجرائى ھەنەكى مۇقەددەم ) ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى بىلەن تۇتۇشىدۇ .

3. بۇرۇن تۆشۈكلۈك سۆڭىكىنىڭ تۆشۈكى ( سوقوفى مىسفات ) ئارقىلىق باش سۆڭىكى بوشلۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ .

4 . تاماقتىكى قوزۇقسىمان تۆشۈك ئارقىلىق قوزۇقسىمان بوشلۇق بىلەن تۇتۇشىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقلىرى 15 سۆڭەكنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ .ئۇنىڭ ئۇچى باش سۆڭەك ، 12 سى يۈز سۆڭەكتىن ئىبارەت . بۇرۇننىڭ ھەربىر بوشلۇقىدا بىردىن مېھراب ۋە بىر قانچىدىن دىۋارلار بولىدۇ .


بۇرۇن بوشلۇقى مىھرابلىرى ئۇزۇنچاق ۋە تا كېلىدۇ . تۆشۈكسىمان قىسمنىڭ يان تەرىپى چوڭقۇر ، ئوتتۇرىسى كەڭ ، ئىككى بېشى تار كېلىدۇ . ھەر بىر بوشلۇقىنىڭ ئىچكى دىۋارى يەنى ئىنچىكە نېپىز كەلگەن ئوتتۇرا دىۋارى بۇرۇننىڭ ئىككى بوشلۇقىنى بىر _ بىرىدىن ئايرىپ تۇرغان بولۇپ . بەزى كىشىكەر تۆشۈك بولغاچقا بۇ ئىككى بوشلۇق بىر _ بىرى بىلەن قوشۇلۇپ تۇرىدۇ . بۇرۇننىڭ سىتقى دىۋارىنىڭ ئىچكى سەتھىدە 3 ئۇزۇن نەيچە بولۇپ ، ئۇلار 3 تال سۆڭەكسىمان قاتلاملار ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى قاتلامدىكى نەيچە ھەممىدىن كىچىك بولىدۇ . ئوتتۇرا قاتلامدىكى نەيچىدە ئىككى تۆشۈك بولىدۇ . ئاستىقكى قاتلامدىكى نەيچە بۇرۇن سىتقى دىۋارىنىڭ ئۇزۇلۇقى بىلەن تەڭ بولىدۇ .

بۇ نەيچىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ياش نەيچىسى ( مەجرەد دەمئى ) نىڭ ئاستىنقى تۆشۈكى جايلاشقان بولىدۇ . بۇ تۆشۈك ئارقىلىق كۆزنىڭ ياش سۇيۇقلۇقى بۇرۇن تەرەپكە سىزىپ چۈشىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچىنى ئەستەرلەپ تۇرىدىغان شىلىمشىق پوتلىسمان پەردە (غىشائى مۇخاتى ) ئۆز ئاستىدىكى سۆڭەك ۋە كۆمۈرچەكلەر پەردىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى تۇتۇشۇپ تۇرغان بولىدۇ .


1. ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەرىپى بۇرۇننىڭ يۇقىرىقى تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تېرە بىلەن ، 2. بۇرۇننىڭ تۆۋەندىكى تۆشۈكلىرى ئارقىلىق يۇتقۇنچاقنىڭ پۇتلىسمان پەردىسى بىلەن ، 3. ياش نەيچىلىرى ئارقىلىق كۆزنىڭ قاپىدىكى ئەستەر پەردە ( تەبەقەئى مۇلتەھەمە ) بىلەن ، 4. يۇتقۇنچاق ۋە باشقا تۆشۈكلەر ئارقىلىق پىشانە ۋە باشقا سۆڭەك بوشلۇقلىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا بۇرۇندىن ئىششىق يۈز بەرگەندە مۇشۇ پەردە ئارقىلىق شۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئورۇنلاردا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن : زۇكام يۈز بەرگەندە باش ئاغرىش ، بۇرۇندىن سۇ ، كۆزدىن ياش ئېقىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ھەتتا بۇرۇن ئىششىقى مېڭە پەردە ئىششىقلىرىنى كەلتۈۈپ چىقىرىدۇ .

   بۇرۇن بوشلۇقىدا تكۋەندىكىدەك ئەسەب ( نېرۋا ) لار بار :

1. پۇراش ئەسەبى ( ئەسەبى شاممە ) نىڭ يىپچىلىرى بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدىكى سۈزگۈچى سۆڭەك ( ئەزمى مىسفات ) نىڭ بۇلۇتسىمان قىسمى ۋە يۇقىرى ئوتتۇرا سەتھىگە تارقالغان .
2. كۆز ئەسەبى( ئەسەبى ئەينىييە ) نىڭ كۆرۈش شاخچىلىرى بۇرۇن پاسىلنىڭ يۇقىرىقى ۋە ئالدىنقى بۆلىكى ھەم بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ سىرتقى دىۋارىغا تارقالغان .
3. ئۈستۈن تاماق ئەسەبى ( ئەسەبى پەككى ئەلە ) نىڭ بىر قانچە تارماقلىرى تۆۋەندىكى بوشلۇقتىكى چىگىش سۆڭەك ( ئەزمى مولتەۋى ئەسفەلى ) دائىرىسىگە تارقالغان .
4 . بۇرۇن پەررەك ئەسەبى ( ئەسەبۇلخەيشۇمى ) ۋە باشقا ئەسەب شاخچىلرى ( ئەسەبۇلئەنفى ۋە ئەسەبۇلھەنەكى ) بۇرۇن ئوتتۇرا قىسمىغا تارقالغان ۋە باشقىلار .
 

   ئىنسانلار پۇراش كۈچىنىڭ رولى ئارقىلىقلا نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى سېزەلەيدۇ . مەزكۇر قۇۋۋەت پەقەت بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى يۇقىىرىقى قىسمىدىلا بولىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچىكى سەتھىنى پوتلىسمان پەردە ( غىشائى مۇخاتى ) ئەستەرلەپ تۇرغان بولۇپ ، بۇنىڭدا پۇراش ئەسەبلىرىنىڭ شاخچىلىرى بۇرۇننىڭ تۆشۈكلۈك سۆڭىكى يەنى سەزگۈچى سۆڭەكنىڭ تۆشۈكلىرىگە كېلىپ يېپىلغان بولىدۇ . ئىنسانلار ئاۋازىنى ھاۋانىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئاڭلىغانغا ئوخشاش پۇراشنىمۇ ھاۋانىڭ ۋاستىسى بىلەن پۇرايدۇ . چۈنكى ، ھاۋاغا خۇشبۇي ياكى بەدبۇي ماددىلارنىڭ زەررىچىلىرى تارقالغان بولىدۇ .

زەررىچىلەر نەپەس ئارقىلىق پۇراش كۈچىنىڭ ئەسەب شاخچىلىرىغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆز كەيپىياتىدا ئۇلارغا مەخسۇس بىر خىل تەسىر قوزغايدۇ _ دە ، بۇ تەسىر مېڭىگە يېتىپ بېرىپ سەزگۈ ھاسىل قىلىدۇ يەنى ، ئەسلىي ماددىنىڭ پۇراك سىزىمىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ئىنسانلار بىرر نەرسىنىڭ ھىدىنى ئوبدانراق بىلمەكچى بولسا كۆپىنچە ھاللاردا شۇ نەرسىگە بۇرننى يېقىنرق ئەكىلىدۇ ياكى كۈچەپرەك نەپەس ئالىدۇ . بۇ ، ھاۋاغا تارقالغان ھىدىنىڭ پۇراش ئەسەب شاخچىلىرىغا ئوبدانراق ئۇرۇلۇشى ئۈچۈندۇر .


   بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ھەممە قىسملىرىدا يەنە سېزىش كۈچى ( قۇۋۋەئى لامىسە ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ ، ئۇ سوغۇق - ئىسسىق ، غىدىقلىنىش _ قىچىشىش ، ئاغرىش ۋە بۇرۇن تۆشۈكلىرىگە بولغان بىسىملارنى سېزىشتەك رولغا ئىگە بەزى . ھاللاردا پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى شاممە ) ئۆز رولىنى يوقاتسىمۇ سېزىش كۈچى ( قۇۋۋەئى لامىسە ) ئۆز رولىنى يوقاتمايدۇ .


پۇراش كۈچى بارلىق ھايۋانلاردا ئوخشاش بولمايدۇ . گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ھايۋانى ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش كۈچى يۇقىرى ، ئۆسۈملۈك ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش كۈچى تۆۋەن بولىدۇ . ئەكىسچە ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ھايۋانى ھايۋانى ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش تۆۋەن ، ئۆسۈملۈك ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ . ئىنسانلاردا گەرچە بۇ خىل پۇراش سېزىمىدىكى خاسلىق تۆۋەن بولسىمۇ ، لېكىن ھەرخىل پۇراقلارنى پەرق ئېتىش جەھەتتىكى قابىلىيىتى يەنىلا خېلى دەرىجىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ .

پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى شاممە ) دىكى بۇ خىل ئوخشاشماسلىق پۇراش نېرۋىسىنىڭ مېڭىدىن ئورتاق ھېس قىلىش ئورنىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق پۇراش نېرىۋىسنىڭ مڭىدىن ئورتاق ھېس قىلىش ئورنىنىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك . چۈنكى ئىنسانلار ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلاردۇر . ئىنسانلارغا پۇراقلارنىڭ خۇشبۇي ياكى بەدبۇي سېزىلىشى نىسپىي ھالەتتە بولىدۇ . ئوخشىمىغان كىشىلەردە كۆرۈش كۈچى ۋە ئاڭلاش كۈچى ئوخشىمىغاندەك پۇراش كۈچىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئادەم بەدىنىدە ئىچكى پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى شاممەئى باتىنىييە ) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل قوۋۋەتمۇ بار . بۇنىڭدا گەرچە سىرتقى دۇنيادا ھېچقانداق پۇراق بولمىسىمۇ ، ئىنسان بىر خىل پۇراق بارلىقىى ھېس قىلىدۇ . بۇ پۇراش ئەسەبلىرىگە بىرەر ئىچكى سەۋەبنىڭ تەسىرى قىلغانلىقىنىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

بۇ ئەھۋال گەرچە ئەسەبى مىزاج ( نېرۋا مىزاج ) كىشىلەردە كۆپ ئۇچرسىمۇ ، غەيرىي نورمال ئەھۋال ئاستىدا بەزىدە ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ بۇ خىل ئىچكى پۇراق سېزىمى بولىدۇ ، مەسىلەن : مەلۇم بىر كىشى ھەر دائىم بىر خىل سېسىق پۇراق بارلىقىنى ھېس قىلغان ، ئۆلگەندىن كېيىن بۇرۇن ۋە مېڭىسىنى يېرىپ تەكشۈرگەندە ئالدىنقى مېڭە ئىككى ئۈلۈش قىسمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا خانازىر خاراكتېرلىك ئۆسمە بارلىقى بايقالغان .

دېمەك مەزكۇر ئۆسمىدىكى ئوفۇنەتلىك سېسىق ماددىلار مەزكۇر كىشىگە ئىچكى پۇراش كۈچى ئارقىلىق ھەر دائىم سېسىق سېزىم بەرگەن . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا رەئىس ئەزالارنى تازىلاش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قۇلاققا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .