نۆۋەتتە تۆت خىل خىلىتنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تۆت خىل خىلىتنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تۆت خىل خىلىتنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تۆت خىل خىلىتنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ۋە

خىلىت ۋە بەدەننىڭ ماددى تۈزۈلۈشى

تۆت خىلىتنىڭ ھەقىقى مىقدارى توغرىسىدا ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات يوق. بۇنداق بولۇشىدا تىرىك تەندىكى چەكسىز ئۆزگىرىشنى ئېنىقلايدىغان، بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم ۋە مۇشۇ تەپەككۇرغا ماسلىشالايدىغان ئەسۋابلار تەتقىقاتى ناھايىتى ئاستا بولماقتا.       

              نۆۋەتتە تۆت خىل خىلىتنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ۋە قانچىلىك تەسىرى بارلىقىنى پەقەت ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئەمەلىي ئىپادىلىرىگە ۋە قەدىمكى دەۋرلەردىكى خىلىتلارنىڭ تەمى، رەڭگى ۋە خوسۇسىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىنماقتا. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇ تەپەككۇر بىلەن كىشىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئىللەتلىرىنى بايقىلىغى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر تىبابىتى ھازىرغىچە تېخى ئابىستراكىت (ماتېماتىكىلاشمىغان) بولسىمۇ لېكىن تىبابەتتە نەق، ئەمەلىي ئالامەتلەرگە ۋە تەبىئەت پەلسەپەسىگە ئاساسلىنىپ، كېسەللىكلەر داۋالىنىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ جەلىبكارلىقى ساقلىنىپ ۋە ئېشىپ بارماقتا.

              يېقىنقى يىللاردىن بىرى بەزى تەتقىقاتچىلار قەدىمكى تىبابەت ئەسەرلىرىدىكى بىشارەت ۋە ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ خىلىتلارنىڭ بەدەندىكى نىسبىتىنى مۆلچەرلەپ ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ياخشى باشلىنىش.

              نۆۋەتتە ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىسپات شۇكى- بىرىنچىدىن: بەدەندە خىلىت چوقۇم بار. ئۇ ئۆزلۈكسىز ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن: قەدىمكى كىتابلاردا بۇ ھەقتە ئېنىق تەبىر ۋە بىشارەتلەر بار. بۇ تەبىرلەرنىڭ ئاساسىي روھى مۇنداق: سەپرا خىلىتى سارغۇچ، ئاچچىق، ئۆتكۈر بولغاچقا قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك سويۇقلۇق، بەلغەم خىلىتى تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك سويۇقلۇق. سەۋدا خىلىتى بىرخىل قويۇقراق قارامتۇل رەڭدىكى قاڭسىق ۋە چۈچۈمەل تەمدىكى قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك سويۇقلۇق. خىلىتلار ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ساقلىنىدىغان ئورۇن جەھەتتە قان جىگەر ۋە يۈرەكتە، سەپرا جىگەر ۋە ئۆتتە، بەلغەم ئۆپكە ۋە پۈتۈن بوشلۇق ئارىلىقىدا، سەۋدا تال ۋە قاتتىق ئەزالاردا بولىدۇ. ھەر بىر خىلىتنىڭ ئۆزىگە لايىق ئارتۇقچىلىقى ۋە زۆرۈرىيىتى بار. گەرچە خىلىتلار مىقدار جەھەتتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ نىسبەتەن ساغلام كىشىنىڭ بەدىنىدىكى ئەمەلىي رولى بىرى- بىرىدىن قېلىشمايدۇ.

              مەرھۇم تىبابەت ئۇستازى، بۈيۈك ئۆلۈما ئابدۇلھەمىد يۈسۈفى دائىم بىزگە <<تۆت چوڭ ماددا ۋە تۆت چوڭ خىلىت دۇنيادىكى جانسىز ياكى جانلىق شەيئىلەرنى تۈزگۈچى ئامىل بولسىمۇ ئەينى دەۋردىكى تارىخىي شارائىت تۈپەيلىدىن تېخى ئېنىچكە بۆلەكلەرگە بۆلۈش تەتقىقاتى ئانچە ئېلگىرى سۈرۈلمىگەن.

              ئەمەلىيەتتە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان 109 خىل ئېلمنت دەل شۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئىچىدە بار. خىلىتلار تەركىبىدىمۇ نۇرغۇن ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك ئېلمنتلار بار. بۇلارنى خىلىتلارنىڭ مىقدارى شەكلى، خۇسۇسىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ پەرىقلەندۈرۈشكە ۋە ئېنىقلاشقا بولىدۇ>> دەپ تەلىم بېرەتتى.

              دوكتۇر خالمۇرات ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئورنىغا كەلگەندىن بىرى نوقتىلىق ھالدا خىلىتلارنىڭ نورمال ۋە غەيرى نورمال خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق قىممىتى ۋە ئۇلارنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلماقتا. يېقىن كەلگۈسىدە خىلىتلارنىڭ مىقدارى ۋە سۈپەت كۆرسەتكۈچلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىنىپ، داۋالاش قىيىن بولىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىپ قېلىشى مومكىن.

              خىلىتلارنىڭ بەدەننى تۈزگۈچى ماددى ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن بىئولوگىيىلىك تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا تىبابەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا خىلىتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسىي تەپەككۇرى يەنىلا ئۇيغۇر تىبابەت بىئولوگىيە نەزەرىيىسى بولۇشى، قالغان پەن ۋە تىبابەتلەرنىڭ نەزەرىيىلىرى، ئېقىملىرى ياكى كۆرسەتكۈچ قىممەتلىرى پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئورنىدا تۇرۇشى لازىم.

              شۇنداق بولغاندىلا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش مومكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىلىتتىن كېلىپ چىققان ھەرخىل پىسخولوگىيىلىك ساقلىق ۋە كېسەللىك ھالەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا يەنىلا ئۇيغۇر تىبابەت پىسخولوگىيىسىنى ئاساسىي تەپەككۇر ئەندىزىسى قىلىش لازىم. بۇ ماددىي داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىى ئۆستۈرۈش، ئومۇمى ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن پايدىلىق . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى خىلىت تەلىماتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى رەئىس ئەزالارنى تازىلاش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .