تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدىكى ئۇششاق بىرلىكلىرىنىڭ يەنە بىر ماددىنىڭ ئۇششاق بىرلىكلىرى بىلەن بىرىكىشى ياكى تەسىر قىلىشىدىن شەكىللەنگەن كەيپىياتنى مىزاج دەپ ئاتايمىز

           يەنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوتنىڭ قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك سۇغا تەسىر قىلىشى ، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك تۇپراقنىڭ ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ھاۋاغا تەسىر قىلىشى ، . . قاتارلىق جەريانلار ئاساسىدا ھەر بىر جانلىق ياكى جانسىز ماددىدا ئورناشقان ياكى نۆۋەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان كەيپىياتقا ئېيتىلىدۇ . دېمەك ، تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىنى ئالغان بارلىق جانلىق-جانسىز شەيئىلەردىمۇ تەبىئەت(مىزاج)بولىدۇ . ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمىلىرىدىكى ماددىلار يەنە ئوخشىمىغان تەبىئەتلەرگە ئېگە . مەسىلەن: ھۆجەيرە ، مۇلىكۇلا ....لارنىڭ مىزاجى بولغىنىدەك . مىزاج نىسبەتەن تۇراقلىق بولغاندىن باشقا ،  يەنە سىرتقى تەسىرلەرگە قارىتا سەزگۈر ۋە ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ .
 

          مىزاج سۆزى ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىدىغان ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى ، ئىپادىلەيدىغان مەناسى كەڭ بولغان ئاتالغۇ . مەسىلەن : بارلىق مەخلۇقات ۋە بارلىق تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ كەيپىياتلىرىنى ئىپادىلەشتە ،ھەرقايسى مەملىكەت ۋە جۇغراپىيىلىك ئىقلىملارنىڭ ھاۋا كېلىماتىنى ئىپادىلەشتە مىزاج سۆزى قوللىنىدۇ . ئىنسان بەدىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى - تاشقى ئەزالىرى ، روھىي ۋە جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرى ، پىسخولوگىيىلىك ھالەتلىرى ، خۇي - پەيلى ، ئادەتلىرىنىمۇ <<مىزاج>>ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن . ئۇندىن باشقا ئىنسان بەدىنىدىكى نورمال فىزوئولوگىيىلىك جەريانلارنىمۇ مىزاج ئۇقۇمى بىلەن شەرھىيلىگەن . مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ داۋاملىق تەرەققىيقىلالىشىدىكى ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقى .  كۆرۈنۈشتە ئوخشاش تۇرغان جىسىملار ۋە ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ماكاندىكى ئىچكى ھالەتلىرى كېسەللىك ۋە ساقلىق ئالاھىدىكلىرنى پەرقلىق ھالدا چۈشەندۈرۈشتە ئۇيغۇر تېۋىپلىرى <<مىزاج>>تەلىماتىنى يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ، ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كېسەل داۋالاش ئىشلىرىغا خىزمەت قىلدۇرغان دىمەك  ، مىزاج ئۇقۇمىي ئۇيغۇر تېبابىتىنى بارلىقا كەلتۈردى ، ئۇنى راۋاجلاندۇردى ۋە راۋاجلانتۇرىدۇ . ئۇيغۇر خەلقىمۇ تېبابەتتىكى ئۇشبۇ ئۇقۇمنى ئۆزلىرىىڭ تۇرمۇشىغا تەدبىقلاب ، زۆرۈرىيەت ۋە پەرھىزلەرنى ھېس قىلغان ، شۇ ئاساستا ھازىرقى قىممەت قارىشىغا ئېگە بولغان ئۇيغۇر خەلقى شەكىللەنگەن .

          تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جانلىق مەۋجۇدادلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىزاجى بولىدۇ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇدادلارنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكى تۆت چوڭ ماددىنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ قايسى مىزاجغا مەنسۈپ بولۇشى تۆت چوڭ ماددىنىڭ قايسى بىرىنىڭ غالىپ ئورۇندا تۇرغانلىقىغا باغلىق . ئىنسانلارنىڭ رەڭگىروھىي (ئۆڭى)،تۇرقى،خۇلق -مىزاجى (مىجەزى)، ئادەتلىرى ،پىسخولوگىيىلىك ھالىتى قاتارلىقلاغا باغلىنىشلىق تۈپ پەرقلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئىنسانلار مىزاجىنى بەرپا قىلىشقا خام ئەشيا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئارىلاش كەيپىياتىدىن ھاسىل بولغان .

          مىزاجمۇ تۆتكە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئىسسىق ، سوغۇق ، ھۆل ، قۇرۇقتىن ئىبارەت يەككە مىزاجغا ۋە قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق ، قۇرۇق سوغۇق ، ھۆل سۇغۇقتىن ئىبارەت مۇرەككەم مىزاجغا تەقسىملىنىدۇ . ھەربىر يەككە ۋە مۇرەككەپ مكىزاجنىڭ يەنە نورمال ، غەيرىي نورال ھەلەتلىرى بولۇپ ، جەمئىي 64 خىل مىزاج مەۋجۇد . بۇلار يەنە سىكونت ۋەمومىنتتا ئۆزگىرىش ياسىشى ، يېڭىدىن باشقا قوشنا مىكرو مىزاجغا ئايلىنىشى مومكىن ، شۇڭا دۇنيادىكى دەرەخلەر يوپۇرماقلىرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغاندەك مىليارتلىغان ئىنسان ئىچىدە بىر بىرىگە شەكىل ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەت جەھەتتىن قۇيۇپ قويغاندەك ئىككى ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ .

          نۇرغۇن شەيئىلەردە مۇرەككەپ مىزاج بولۇپ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەككە مىزاجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، قىسمەن ۋە ئىنتايىن كەم تېپىلىدىغان ماددىلار ، مەسىلەن :سىنتېزلانغان ، پەيدا قىلىنغان ۋە يەككە مۇلىكۇلىلىق ماددىلار ۋە سىكونت ئىچىدە يوقىلىدىغان ئىلىمىنتلار مۇشۇ دەئىرىدە بولۇشى مومكىن . مەسىلەن : مۇتلەق قۇرۇق ، مۇتلەك سوغۇق دىگەندەك .

          ئىنسانلار تۇرمۇشى تۆت چوڭ ماددا ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مەلۇم مىزاجغا ئېگە بولغان ماددىلاردىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇلارنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن بەدەندە شۇنىڭغا لايىق بولغان ئىنسان مىزاجى شەكىللىنىدۇ . مەسىلەن : ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى كۆپ يەپ ، ئىسسىق تەبىئەتلىك ھاۋادىن نەپەسلەنسە ئىنساننىڭ مىزاجى ئىسسىققا ئۆزگىرىپ قالىدۇ . بۇنىڭغا تۈزەتكۈچى سۈپىتىدە سوغۇق ۋە سالقىن ھاۋا ، سوغۇق تەبىئەتلىك سۇيۇقلۇق دورىلار بېرىلىدۇ . دىمەك ئىنسان چوڭ تەبىئەتتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىچىك تەبىئەت . ئىنسان ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇكى، ئەگەر چوڭ تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرەرى ئىنسانغا ئارتۇق يا كەم ئەتەسىر قىلسا ، ئىنسان شۇ ھامان ساقسىزلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ . ئۇزۇنراق داۋام قىلسا ئىجتىمائىي كېسەللىنىش ، ھەتتا ساپاسىزلىنىپ ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ .

          ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزەلدىن ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتلىرى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ . يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ، ئوت(كۈن ۋە باشقا ئىسسىقلىق مەنبەلىرى)، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەمىن ئەتكۈچى تۈپكى ئامىل . كۆپىنچە كىشىلەر بۇ چوڭ ئامىللارنىڭ كىتاپ يۈزىدە ئوقۇپ ، ئەمەلىي تۇرمۇشغا باغلاپ چۈشىنىشى ئويلاپ كۆرمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئامىللار ھەر كۈنى ، ھەر سىكونت بىز بىلەن بىللە. مەسىلەن : بىز ئىسسىقلىق مەنبەسى ئارقىلىق ئىسسىنىش ، تاماق ئېتىش ، نۇر دىن مەنپەئەتلىنىش مەقىسىتىگە يېتەلەيمىز . سۇ مەنبەسىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۇسسۇلۇق ئىچىش ، بەدەننى زۆرۈر سۇيۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ، قۇرغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز . ھاۋانىڭ قانچىلىك زۆرۈرلىكىنى ھەممەيلەن بىلىمىز . لېكىن تۇپراقنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى كىشىلەر دەرھال كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەيدۇ . ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئۇستىخان ، چاچ ، تېرە ، تۈك ، تىرناقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئۇلار <<تۇپراق>>تەركىبىدىكى ھەرخىل ئورگانىك ، ئانئورگانىك ماددىلار ، مىكرو ئېلىمېنتكلار ئىنسانلار ئىستىمال قىلدىغان ھەرخىل ئاشلىق ، مېۋە ، كۆكتاتلارغا ئۆتۈپ ، مەلوم شەكىلدىكى ، مۇئەييەن مىزاجدىكى ئاشلىق ، مېۋە ۋە كۆكتاتلارغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنى بەدەن قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ئىنسان ئىسكىلىتى شۇلارنىڭ خاسىيىتىدە پەيدا بولۇپ گۆش ، يۇلۇن ، پەردە ۋە ھەرقايسى ئەزالارنى ئۆزئىچىگە قاچىلاپ ئۆرە تۇرىدۇ . تاغ ، ئېدىرلىق ، قۇملۇق ، تۈزلەڭلىك تۇپراق ھېسابلىنىدۇ . تۇپراق سۇنىڭ تېگىدە ھەم سۇنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ . تېبابەت پەلسەپىسىدە ئېيتىلغان تۇپراقنىڭ سۈنىڭ تېگىدە ئىكەنلىكى ئىككى خىل مەنىگە ئېگە . بىرىنجىسى ، ئۇ ئېغىرلىق ۋە تەبىئەت جەھەتتىن ، ئىككىنجىسى ، ئەمەلىيەتتىمۇ تۇپراق سۇنىڭ تېگىدە بولۇشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . يەنى يەرشارىنىڭ 71%نى ئېگەللەيدىغان دېڭىز ئوكيانلارنىڭ تېگى دەل تۇپراقتۇر. بۇ تۇپراقنىڭ يەنە ئىچكىرلىسە ، ئىسسىق (ئوت)مەلوم بولىدۇ . ئۇنىڭدىنمۇ ئىچكىرلىسە ، ھاۋا (ئوچۇقچىلىق)غا ئۇچرايدۇ ، ئۇندىن كېيىن سۇغا ، ئاندىن كېيىن تۇپراققا ئۇلىشىدۇ . بۇ مانا شۇنداق دەۋرىي تۈستە داۋاملىشىدۇ . نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا يەر شارىنىڭ مەلۇم يېرىنى تېشىپ ئۆتكىلى بولسا ، يەرشارىنىڭ پاراللىل بولغان يەنە بىر يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ .

          مانا بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنىڭ ئاساسىي نىگىزى . دىمەك ، تۆت چوڭ ماددا ھەربىر ئىنساننىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ، ياشىشى ، شان شەرىپى ۋە ئىنسانىي قىممىتى ھەم غورۇرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان ھەم ماددا ھەم ئىجتىمائىي تۈپكى مەۋجۇدىيەت . بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرى كېمەيسە ياكى يوقالسا ، ئىنساننىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى ئازىيىدۇ ياكى يوقىلىدۇ ، ياكى بولمىسا ئىنساننىڭ شان-شەرىپى ۋە غورۇرى تۆۋەنلەپ ياكى يوقىلىپ كېتىدۇ . 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىدە كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ ، پەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى تۆت تادۇ تەلىماتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .