بۇ ئاشقازان مىجەزى بۇزۇلۇش، ئاشقازاندىكى سەزگۈ ئەسەبلەرنىڭ خىزمىتى ناچارلىشىش، ئاشقازاندا خام خىلىتلار كۆپىيىپ قېلىش ياكى جىگەر خىزمىتىدە توسالغۇ پەيدا بولۇشى سەۋەبلىك كۆڭۈلنىڭ تاماقنى خالىماسلىقى بولۇپ ، ئادەتتە ھەممە ياشتىكى كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ ۋە ئاچلىق سېزىمى بولغان ھالەتتىمۇ تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ

ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان رىتسىپلار

داۋالاش ئۇسۇللىرى:

زەنجىۋىل، زىرە ، پىل-پىل ، قاقىلە ، پىننە ، بەدىيان قاتارلىق دورىلارنى تەڭ نىسبەتتە ئېلىپ چالا سوقۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم چايلىق ئورنىدا دەملەپ ئىچىشكە بۇيرۇلىدۇ .

پىننە ۋە نانىخادىن 10 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ، ئەينۇلا مۇرابباسىغا ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ.

كۆك يالپۇزنى سىقىپ سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا سىركە ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش كېرەك .

قىچىنى قورۇپ ، سوقۇپ تالقان قىلىپ ، ھەر ۋاقلىق تامىقىغا سېپىپ يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ.

قەلەمپۇر ، گۈلدارچىن ، سۇمبۇل ھەر بىرى ئالتە گرامدىن ، رۇمبەدىيان ۋە كەرەپشە ئۇرۇقلىرى بەش گرامدىن ، مەستىكى رۇمى ۋە زىرە ئۈچ گرامدىن ، قارىمۇچ سەككىز  گرام  ، ھەسەلدىن ئۇمۇمىي دورىلارنىڭ ئىككى ياكى ئىككى يېرىم ھەسسىسىچە ئېلىپ ، ئاۋۋال دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئاندىن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەئجۈن قىلىنىدۇ . ۋە كۈندە ئىككى ياكى ئۈچ ۋاق كىچىك گۈلىدەك ئىستىمال قىلىنىدۇ.

زىرىقتىن 30 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ، سۈيىگە تەمرى ھىندى شىرىسىدىن 15 گرام ئارىلاشتۇرۇپ ، مۇزلىتىپ ئىستىمال قىلدۇرۇش كېرەك.

مۇرەككەپ دورىلاردىن نۆش دورا ، جاۋارىش جالىنۇس، جاۋارىش مەستىكى ، جاۋارىش ئۇد شېرىن قاتارلىق دورىلاردىن تېپىلغانلىرىنى ئەرقى بەدىيان بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم.

سىركەنجىۋىل شەربىتى ، شەربىتى سەپەرجىل، جاۋارىش ئامىلە ، جاۋارىش ئوترۇج قاتارلىقلاردىن تېپىلغانلىرىنى گۇلاپ بىلەن ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم. مەجۇنى نانىخانىمۇ ئىستىمال قىلدۇرۇش لازىم.

كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىگە قارىتا :

جىگەر خىزمىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا جىگەر توسالغۇلىرىنى ئاچقۇچى دورىلاردىن دىنار شەربىتى بېرىلىدۇ.

ئاشقازاندا خام خىلىتلار كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا ھەببى تەنكار بېرىلىدۇ.

ئۆپكە سىلىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان بولسا ، سىلغا قارشى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىرگە قىزىلگۈلقەنت بېرىپ بەدەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلىدۇ. ئۆت ياللۇغى ياكى راك سەۋەبىدىن بولغان بوسلا ئۇنىڭغا لايىق چارە قىلىنىدۇ.

ئاشقازان ئاجىزلىقىدىن بولغان بولسا مەئجۈنى جەلالى ، مەئجۈنى مۇلۇكى، سۇپۇپى سەنگدانە مۇرغ  بېرىلىدۇ.

ئاشقازاننىڭ سوغۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىشتىھا تۇتۇلغان بولسا پىننە گۈلقەنتى 25 گرامدىن كۈندە ئۈچ قېتىم يېيىشكە بېرىلىدۇ. شەربىتى زەنجىۋىلنى 30 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاق ئىچىشكە بۇيرۇلىدۇ.

ئاشقازاننىڭ تارتىش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن سەۋەبتىن ئىشتىھا تۇتۇلغان بولسا  نارپىننە شەربىتى تەييارلاپ بېرىلىدۇ.

سۇپۇپى ئىشتىھا بېرىلىدۇ ؛

نۇسخىسى : قىزىلگۈلدىن 100گرام ، سىماقتىن 15 گرام ، قاقىلىدىن 30 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ئەتىگەن كەچتە ئالتە گرامدىن قايناق سۇغا چېلىپ ئىچىلىدۇ.

پىل-پىل ، قارىمۇچ، دارچىن ، زەنجىۋىلدىن 10 گرامدىن ، لاچىندانە ، قاقىلە 20 گرامدىن ئېلىپ چالا سوقۇپ چايلىق قىلىپ ئىچىلىدۇ.

جاۋارىش ئۇد ، نۆش دورا ، جاۋارىش كۇمۇنى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشمۇ ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.

تېما تەييارلىغۇچى : تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنىدىن ياسىن ئابدۇقادىر
مەنبەسى : ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھۆل تەمرەتكە سەۋەبى ۋە ئالامىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .