ھۆل تەمرەتكە سەۋەبى ۋە ئالامىتى

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى - تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 ئالامىتى: كۆپىنچە يۈز، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلۈش بىلەن، دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇپ، قىزىرىپ قىچىشىش، تاتىلىغاندىن كېيىن مۇدۇرلار بۇزۇلۇپ، سېرىق سۇ چىقىش، بارا - بارا كېڭىيىش، ئاقىۋەتتە يىرىڭلىق چاقىغا ئايلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

 1 - رېتسېپ تەركىبى: شاھتەررە 105 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، ۋاسالغۇ 75 گرام، ھەسەل 4001 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

 2 - رېتسېپ تەركىبى: كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.

 3 - رېتسېپ تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گرام، سوقمۇنىيا 5.7 گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل 5.7 گرام، سانا ئالتە گرام. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقىشاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ

 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كالا تەمرەتكىسى(تەڭگە تەمرەتكە) تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان رىتسىپلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .