كالا تەمرەتكىسى(تەڭگە تەمرەتكە) بولسا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەن تېرىسىنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولىدىغان تېرە قىلىنلىشىپ، يىرىكلىشىش بىلەن كۈمۈش رەڭلىك قاتمۇ-قات بېلىق قاسىراقسىمان تەڭگە قاسراقچىلارنى پەيدا قىلىدىغان قىچىشىدىغان كېسەللىك

كالا تەمرەتكىسى(تەڭگە تەمرەتكە) بولسا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەن تېرىسىنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولىدىغان تېرە قىلىنلىشىپ، يىرىكلىشىش بىلەن كۈمۈش رەڭلىك قاتمۇ-قات بېلىق قاسىراقسىمان تەڭگە قاسراقچىلارنى پەيدا قىلىدىغان، قىچىشىدىغان، غەيرى نورمال تېرە مۈڭگۈزلىشىشنى ئاساس قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇمسىز تېرە كېسەللىكى. تەڭگىسىمان تەمرەتكىنى كلىنىكا ئالامىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئاددى تىپلىق ، ئالاھىدە تىپلىق، يىرىڭلىق قاپارتقۇ تىپلىق، قىزىرىش تىپلىق، بوغۇم تىپلىق دەپ تۆت تۇرگە بولىنىدۇ .

بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، شۇڭلاشقا داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر توۋەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى توۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل سەۋەبدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارالماقتا .

1. زىيادە چارچاش ۋە روھىي بېسىم.

2. خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى ــــــ ئاساسلىقى سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن، قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى، كۆيۈشى، بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئى ئۆزگىرىشى، ھەرقايسى خىلىتلارنىڭ كۆيۈشىدىن پەيدا بولغان غەيرىي تەبىئى سەۋدا خىلىتى رەئىس ئەزا ۋە بۆرەك خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچىرىتىپ بەدەندە ئېلىكترۇلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ، بولۇپمۇ تۇزلارنىڭ بەدەندىكى نورمال مىقدارى ئارتىپ كېتىپ تېرىلەردە ماددا ئالمىشىش بۇزىلىدۇ .
3. يېمەك-ئىچمەك ئامىلى ــــــ قاننى قىزىتقۇچى، قويۇلدۇرغۇچى، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
4. ئىرسىيەت ئامىلى ــــــ ئەجدادلىرىدا بۇخىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ. گېن تەكشۈرگەندە ئاشكارا بويالغۇچى تەنچە تېپىلدۇ.
5. ئىمۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ياكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ .
6. ماددا ئالمىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى (ئاساسلىقى تېرىلەردىكى ماددا ئالمىشىش) يەنى ئاقسىل، ماي، شىكەر، تۇزنىڭ ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش روشەن دەرىجىدە ئىپادىلىنىدۇ .

كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى ــــــ بەدەن تېرىسىنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا، ھەرقانداق ياش ۋە جىنىستىكىلەردە پەيدا بولىۋىرىدۇ، بولۇپمۇ باش، بويۇن، قۇلاق ئەتراپى، جەينەك، دۇمبە، قورساق، پاقالچاق، ئەۋرەت، توققۇز كوز، بىلەك قىسىملىرىدا كوپرەك كۆرىلىدۇ، تەرەققى قىلغانسېرى ئومۇمىي بەدەننى قاپلايدۇ، كۇز ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كوپ قوزغىلىدۇ، ياز پەسلىدە بىرئاز يىنىكلەيدۇ، قايتا-قايتا قوزغىلىپ تۇرىدۇ .

داۋالاش :
1) پەرھىز بۇيرۇلىدۇ . 
2) سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ ( كېسەللىك ماددىسى ۋە مىزاجىغا ماس بولغان مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىپ بەدەن تازىلىنىدۇ ) . 
3) مەخسۇس دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ (قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ ) . 
4) سىرتقى تەرەپتىن تېرىگە ھۆللۈك يەتكۇزگۇچى، يۇمشاتقۇچى، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە سىرتىدىن دورا سۇرتىلىدۇ . زۆرۇر تېپىلغاندا ئاپتاپقا قاقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە مەلھىمى كىبرىت، گۇل يىغى، قاپاق يېغى كىيىنكى مەزگىلىدە گۈل يېغى بىلەن ۋازلىن، سۇپۇپ ھار تەييارلىنىپ بېرىلىدۇ

سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %70 تىن يۇقىرى روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرىغانلاردا ناچار كەيپىيات ئالدى بىلەن تېرىنى «تېپىپ» چىقىدىكەن. كىشلەردىكى ئاچچىقلىنىشقا ئوخشاش ناچار كەيپىيات ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا، نېرىپلارنىڭ غىدىقلىنىشى تەسىرگە ئۇچراپ بەدەندە فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولىدىكەن. بۇ چاغدا كىشلەردە دەم ئېلىش ياخشى بولماسلىق، گېلىدىن تاماق ئۆتمەسلىك ۋە ئۇخلىيالماسلىق سەۋەبىدىن كالا تەمرەتكىسى قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدىكەن. شۇڭا كىشلەر كەيپىياتىنى تەڭشەشكە، كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىپ، كەيپىياتنى كۆتۈرىدىغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ناچار كەيپىياتنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەككەن.

ئۇنىڭدىن سىرىت ھاراق-تاماكىدىن ئۆزىنى چوقۇم چەتكە ئېلىش كىرەككەن.يۈجىن يىشيىپىيەن(郁金银宵片)، يىندى(银敌) قاتارلىق جۇڭيى دورىللىرىمۇ خېلى ياخشى پايدا قىلىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قاندىكى ماينىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھۆل تەمرەتكە سەۋەبى ۋە ئالامىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .