يۇرەك سانجىقى سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى

يۈرەك سانجىقى ، 心绞痛


تونوش :

يۇرەك سانجىقى بولسا تاجىسىمان ئارتىريەنىڭ قان ۋە ئوكسىگىن تەمىنلىنىشى قىسقا ۋاقىتلىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ يۇرەك مۇسكۇلىغا قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكتىن كىىلىپ چىقىدىغان بىر خىل يىغىندا كىسەللىك ئالامىتى بۇلۈپ  بۇ خىل كىسەللىك كۇپۇنچە ئەرلەردە بۇلۈپمۇ  ياشقا چوڭ كىشلەردە كوپ كۇرىلىدۇ ،خەنزۇلار بۇخىل كىسەللىكنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ‹‹بىرىنجى قېتىم خەنجەر كۇتۈ رىپ كەلگەن مىھمان››دەپ ئاتىشىدۇ .

تۇرلەرگە بولونىشى:

يۇرەك سانجىقى كىسەللىك خارەكتىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن چارچاش خارەكتىرلىك يۇرەك سانجىقى،ئوزلۇكىدىن پەيدا بۇلىدىغان يۇرەك سانجىقى،ئارلاش تىپلىق يۇرەك سانجىقى دىگەن تۇرلەرگە بۇلىنىدۈ،

كىسەللىك سەۋەبى:

يۇرەك سانجىغىنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە قوزغۇلىشى يۇرەكنىڭ ئوكسىگىن سەرپىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۇلۈپ ئاساسلىقى:
1)خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئوزگىرىشى بۇلۈ پمۇ سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئوزگۈ رۈپ  تاجىسىمان ئارتىريەدە تۇسۇلۇش پەيدا قىلىشى .
2)قان خىلىتىنىڭ قۇيۇلىشى ۋە تاجىسىمان ئارتىريەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى . 
3)روھى نىرۋا ئامىللىرى (ئاچچىقلىنىش،خۇشاللىنىش،قايغۇرۇش،)
4)ئىرىسيەت ئامىللىرى .
5)تاماكا چىكىش.

كىلنىك ئىپادىسى :

بۇ خىل كىسەللىك قوزغۇلۇشتىن بۇرۇن يۇرەك رىتىمى تىزلىشىش،قان بېسمى ئورلەش،قوزغالغان ۋاقىتتا بولسا سول يۇرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىراش كۇچى ۋە سۇرئىتى تۇۋەنلەپ ،يۇرەكنىڭ نۇرمالنى بولغان قان سىقىپ چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ،ئالامەتلىرى بىر قەدەر تىزۋە جىددى بۇلۇپ ،سول تەرە پ  كوكرەك ساھەسىدە سانجىلىپ ئاغرىش پەيدا بۇلىدۇ ،ئاغرىش نوقتىسى توش سۇڭەك سول قىرى يۇرەك ئۇچى سۇقۇش ئورنىدا بىر قەدەر روشەن بۇلۇ پ سول تەرە پ مۇرە شۇنداقلا چىمچىلاق بارماققىچىلىك تارقايدۇ.

كىسەللىكنىڭ تۇتۇش ۋاقتى بىر مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچىلىك بۇلىدۇ ،ئەڭ ئۇزۇن بولغانلىرىدا ئون بەش مىنۇتتىن ئاشمايدۇ،ئاغرىشنىڭ خارەكتىرى سانجىلىپ ئاغرىش، بېسىلىپ ئاغرىش ،چىڭقىلىپ ئاغرىش قاتارلىق خاراكتىردە بولغان بۇلىدۇ،بىمارنىڭ چىرايىدا تاتىرىش،تەرلەش ئىىپا دىللىرى كۇرىلىدۇ .

دىئاگنۇزى:

1)كىلنىك قوزغۇلۇش ئا لاھىدىلىگى يەنى قوزغاتقۇچى ئامىللارغا يۇلۇققان ۋاقىتتىكى قوزغۇلۇش،ئاغرىش ئورنى،ئاغرىشنىڭ خارەكتىرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.
2)كىلنىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگۇللىرىگە ئاساسەن دىئا گنۇز قۇيىلىدۇ.
3)قۇشۇمچە تەكشۇرۇش نەتىجىللىرىگە ئاساسەن دىئا گنۇز قۇيىلىدۇ.

پە رىقلەندۇرۇپ دىئا گنۇز قۇيۇش:

1)يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىن پەرىقلەندۇرىلىدۇ.
2)قۇۋۇرغا ئا رلىق نىرىپلىرىنىڭ ئاغرىشىدىن پەرىقلەندۇرىلىدۇ.

ئالد ىنى ئېلىش ۋە داۋالاش:

1)ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىش،ھاراق ئىچىش شۇنداقلا روھى كە يپىياتنىڭ تۇراقسىز بۇلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
2)زىيادە مايلىق ۋە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش.
3)كىسەللىك جىددى قوزغالغان مەزگىلدە نەق مەيداندا جىددى قۇتقۇزۇش چارىسىنى قوللۇنۇش،ھەركەت قىلدۇرۇشتن ،قوزغاتقۇچى ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ساقلاش كىرەك.

داۋالاش:

1. كىسەللىك قوزغالغان مەزگىلدە قان تۇمۇرلارنى كىڭەيتىپ ،يۇرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشنى ياخشىلاش مەقسەتتە .ئا لامەتلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1)بىمارنى مۇۋا پىق بەدەن ھالىتىدە ياتقۇزۇ ص ئوكسىگىن پۈرىتىش كىرەك،  
2)ئاق سەندەلنى گۇلاپقا سۇرۇ ص يۇرەك ساھەسىگە زىمات قىلىش .
3)تاجىسىمان ئارتىريەنى كىڭەيتىش مەقسەتتە ئە رقى گاۋزىبان،خېمىرى مەرۋايىت ،ئەبرىشىم جەۋھىرى ،قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ .

2.بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كىيىن كىسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ شۇ خىل سەۋە پكەقارىتا دورا ئىشلىتىلىدۇ.
يەنى كىسەللىك پە يدا قىلغۇچى خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ مۇسھىل بىرىلىدۇ ،مۇنزىچ مۇسھىل دورىلارغا بىرلەشتۇرپ، يۇرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن بادىرەنجى بۇيا شاربىتى ، ئەبرىشىم جەۋھىرى،خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرى سەندەل،ئۇستۇقۇددۇس شەربىتى قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۇرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسەللىكى سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قاندىكى ماينىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .