قان ئازلىق كېسەللىكىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى

قان ئازلىق

تونۇش :

 ھەرخىل سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدىغان  بىر قىسىم كىسەللىكلەرگە ئەگىشپ كىلىدىغان ،ئەگەشمە كىسەللىكتىن ئىبارەت. قان ئازلىق كىسەللىك سەۋەبىگە قاراپ ؛ قان ئىشلەشكە قاتنىشىدىغان مادىلارنىڭ يىتىشمەسلىكىدىن بولغان قان ئازلىق ،قان ئشلىگۇچى ئەزالار خىزمىتىنىڭ تۇۋەنلىشىدىن بولغان قان ئازلىق،قان يۇقۇتۇش خارەكتىرلىك قان ئازلىق،قان ئىرىش خارەكتىرلىك قان ئازلىق دىگەن تۇرلەرگە بۇلىنىدۇ. ھۇجەيرە شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن؛ كىچىك ھۇجەيرە تۇۋەن پىگمىنىتلىق قان ئازلىق،نۇرمال ھۇجەيرە تىپلىق قان ئازلىق،چوڭ ھۇجەيرە تىپلىق قان ئازلىق د ەپ ئۇچ تۇرگە بۇلىنىدۇ.

سەۋەبى:

1. غەيرى تەبىئي سەۋدا ماددىسىنىڭ يىلىككە تەسىر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
2. فىزىكا – خىمىيىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ( دولقۇن رادىيەتسىيەسى ،ئانتىبىيۇتىك دورىلارنى كوپ ئىشلىتىش.)
3. بىر قىسىم يۇقۇملىنىشلار سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.   ( ئاق قان كىسەللىكى،كىزىك جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىش،لىمفا ئۆسمىسى،سۇزۇلما بورەك زەئپلىشىش قاتارلىقلار )
4. سۇزۇلما ئاشقازان ،ئۇچەي كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش.( ئاشقازان ،ئۇچەي ياللۇغى ،سۇزۇلما ئىچ سۇرۇش،ئاشقازان راكى قاتارلىقلار.)
5. بەدەندە تۇمۇر ماددىسىنىڭ زىيادە سەرىپ بۇلىشى .يەنى يۇشۇرۇن قاناش،ئادەت كوپ كىلىش،ئاشقازان – ئۇچەي تىشىلىش،سۇزۇلما مەددە قۇرۇت كىسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلار.
6. ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ۋە يىلىكنىڭ ئۇزىدىكى كىسەللىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. يەنى يىلىك ئوسمىسى ،لىمفا تورسىمان ئوسمىسى،ئاق قان كىسەللىكى قاتارلىقلار.

كىلنىك ئىپادىسى:

كىلنىك ئالامىتى تەدىرجى  پەيدا بۇلۇپ. ئاستا- ئاستا ئېغىرلىشىدۇ.بۇنى بىمارلار ھىس قىلالمايدۇ،يەنگىل دەرجىدە تىرىلەر قۇرغاقلىشىش،تىرە شىللىق پەردىلەر تاتىرىش،ئاسان چارچاش،ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى پەيدا بۇلىدۇ.كىسەللىك ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ باش قېيىش،ئۇيقۇسىزلىق،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غۇڭۇلداش،ئەستە تۇتۇش قابىليىتى تۇۋەنلەش قاتارلىقلار بۇلۇش بىلەن بىرگە يۇرەك چالاڭغۇراش،نە پەس تىزلىشىش،قاتارلقلارمۇ كۇرىلىدۇ.ئېغىر بولغۇچىلاردا قان بېسىمى تۇۋەنلەش،سۇيدۇك مىقدارىدا ئوزگىرىش بۇلۇش،ئاقسىل سىيىش،بەل ئاغرىش،جىگەر لىمفا تۇگۇنچىللىرى چۇڭۇيۇش ئالامەتلىرى كۇرىلىدۇ.

دىئاگنۇز قۇيۇش:

1) كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.
2) تىپىك بولغان قان ئازلىق ئىپادىللىرىگە ئاساسەن دىئاگۇز قۇيىلىدۇ.
3) لابىراتۇرىيەلىك تەكشۇرۇش نەتىجىللىرىگە ئاساسەن دىئاگنۇز قۇيىلىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگۇزى:

1) كىمىيىش خارەكتىرلىك سوسۇن داغدىن پەرىقلەندۇرىلىدۇ.
2) ئاق قان كىسەللىكىدىن پە رىقلەندۇرىلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش؛

پە رۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ،كىسەللىك سەۋەپچىسىنى يۇقۇتۇش.سۇغۇق ئوتكۇزۋېلىشتىن ساقلىنىش،يۇقۇملىنىش بىرگە بولسا ئۇنى ئاكتىپ داۋالاش. يىمەك – ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش لازىم .

داۋالاش؛

1. كىسەللىك سەۋەبچىسىنى يۇقۇتۇش.خىلىت تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بولسا شۇ خىل خىلىتقا قارىتا داۋالاش.
2. ھەزىم ئەزا لىرىدىكى كىسەللىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولسا ئەسلى كىسەللىكىنى داۋالاش.ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش.
3. ئۇزۇقلۇق بىلەن داۋالاشتا مىۋە – چىۋە ،سۇت ،قايماق،ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئە زالىرى (جىگەر، بورەك ) قاتارلىقلارنى بىرىش.
4. تۇمۇر تۇلۇقلاش مەقسەتتە پۇلات ،تۇمۇر،ئالتۇن قاتارلىقلارنىڭ داغمال سۇيىنى ئىچكۇزۇش،چىلان، قان تىپەر قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش
5. قان كۇپەيتكۇچى ،بەدەننى قۇۋەتلىگۇچى دورىلاردىن مادىتىل ھايات،نارپىننە شەربىتى،ئانار شەربىتى،خېمىرى مەرۋايىت،مەجۇنى خۇپسۇلھدىيىت،داۋايى مىشكى،داۋايى تەرەنجىبىن،قىزىل ئۇزۇم سۇيى قاتارلىقلارنى بىرىش.
6. قاننى تەكشۇرگەندە قان تەركىبىدىكى ھىموگلوبىن مىقدارى 60 گىرامدىن تۇۋەن بولسا دەرھال قان بىرىش كىرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار؛

1) دۇرا ئىشلەتكەندە قان ئازلىق دەرىجىسى ۋە تىپىنى ئىنىق ئايرىش لازىم.    
2) ئارام ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش،ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەردىن ساقلاش كىرەك.
3) قاناش ۋە يۇقۇملىنىش قۇشۇلۇپ كەلگەن بولسا ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۇرەك زەئىپلىشىش كېسەللىكى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .