مەزمۇنى مەقسەت: سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى (مەزى بىزى ياللۇغى، مەزى بىزى ئۆسۈپ قىلىش، بۆرەك تىشى كېسىلى، بۆرەككە سۇ يىغىلىش، بۆرەك بىرلەشمە كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكى بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى كۈزىتىش

 

ئۇسۇل: دوختۇرخانىمىز 2000-يىلى 1-ئايدىن 2002-يىلى 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋالىغان 139نەپەر سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، بۇنىڭدىن مەزى بىزى ياللۇغى 93نەپەر (%66.9)، بۆرەك تىشى كېسىلى 21نەپەر (%15.2)، بۆرەككە سۇ يىغىلىش 17نەپەر (%12.3)، مەزى بىزى ئۆسۈش كىسىلى 4نەپەر (%2.8)، بۆرەك بىرلەشمە كىسىلى 4نەپەر (%2.8) بولۇپ كىسەللىك سەۋەبىنى ئىنىقلاپ، مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكىنى بىرىش ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، بۇ دورىنىڭ يۇقارقى كېسەللىكلەرگە بولغان كىلىنكىلىق تەسىرىنى كۈزىتىش.

نەتىجە: 139نەپەر سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستىمېمىسى كېسەللىكلىرىدىن مەزى بىزى ياللۇغى 93نەپەر ئۈنۈم كۆرۈلگىنى 85نەپەر (%91.4)، ئۈنۈم كۆرۈلمىگىنى 8نەپەر ( %8.6 ) ، بۆرەك تىشى كېسىلى 21نەپەر، ئۈنۈم كۆرۈلگىنى 17نەپەر ( %81 )، ئۈنۈم كۆرۈلمىگىنى 4نەپەر (%19) بۆرەككە سۇ يىغىلىش كېسىلى 17نەپەر، ئۈنۈم كۆرۈلگىنى 15نەپەر (%88)، ئۈنۈم كۆرۈلمىگىنى 2نەپەر (%12) ، مەزى بىزى ئۆسۈپ قىلىش كېسىلى 4نەپەر، ھەممىسىگە ئۈنۈم كۆرىنەرلىك بولغان. بۇ دورىنىڭ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسبىتى %90بولدى.

يەكۈن: مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكى ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك نەزىرىيسىگە ئاساسەن 10نەچچە خىل ساپ، تەبىئي ئۇيغۇر تېبابەت دورا ماتىرىياللىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياسالما بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى نورمالسىز خىلىتلارنى تەڭشەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، توسالغۇلارنى ئىچىش قاتارلىق تەسىرلەرگە ئىگە دورا بولۇپ، مەزى بىزى ياللۇغى كىسەللىكىگە ئىشلەتكەندە ئۈنمۈى يۇقۇرى بولۇش بىلەن بىرگە بۆرەك تىشى كېسىلى، بۆرەككە سۇ يىغىلىش، مەزى بىزى ئۆسۈپ قىلىش كىسەللىكلىرىگىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. بولۇپمۇ بۆرەك بىرلەشمە كېسىلىگە ئىشلەتكەندە سۈيدۈك مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، سۈيدۈك ئاقسىلى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كونتىرۇل قىلىنىپ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئازۇت مىقدارى نورمال دائىرىدە تۆۋەنلەپ، زەھەرلىنىش ئەھۋالى ياخشىلانغان. بۇ ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى بىلەن سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بىر قەدەر چوڭ بولغان تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆز: مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكى، سۈيدۈك ئاجىرتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كىلىنكىدا كۈزۈتۈش، داۋالاش.

 

سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىدىن مەزى بىزى ياللۇغى، مەزى بىزى ئۆسۈپ قىلىش، بۆرەك تىشى كېسىلى، بۆرەككە سۇ يىغىلىش، بۆرەك بىرلەشمە كېسەللىكلىرى كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان، سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ، داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان كېسەللىك بولۇپ، شىپاخانىمىز 2000-يىلدىن 2002-يىلى 11-ئايغىچە مەزكۇر كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان 139نەپەر بېمارنى شىپاخانىمىز دورا ياساش بۆلۈمىدە ياسالغان مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكى بىلەن داۋالاپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتى.

 

1. كىلىنكىلىك ماتىرىيال

1) ئادەتتىكى ماتىرىيال

139نەپەر بىمار ئىچىدە يىشى ئەڭ چوڭى 58ياش، ئەڭ كىچىگى 16ياش، ئوتتۇرچە يىشى 37ياش، مەزى بىزى ياللۇغى 93نەپەر، بۆرەك تىشى كېسىلى 21نەپەر، بۆرەككە سۇ يىغىلىش كېسىلى 17نەپەر، مەزى بىزى ئۆسۈش كېسىلى 4نەپەر، بۆرەك بىرلەشمە كېسىلى 4نەپەر.

بۆرەك تىشى كېسىلى بۆرەككە سۇ يىغىلىش، بۆرەك بىرلەشمە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار %38نى ئىگەللەيدۇ.

 

2) دىئاگنۇر ئاساسى

تىپىك كىلىنكىلىق ئىپادىسى، لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش، Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئاپراتىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنۇز بىكىتىلدى.

 

2. داۋالاش ئۇسۇلى

داۋالاش گۇرۇپپىسىدىكى بىمارلارغا كۈندە 3قىتىم، ھە قىتىمدا 60mlدىن 80mlغىچە مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكى ئىچۈرۈلدى. باشقا دورىلار قوشۇمچە بىرىلمىدى.

مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكى دوختۇرخانىمىزدىكى تىۋىپلار ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىگەرلىكى نەزىرىيسىگە ئاساسەن دورا ياساش بۆلۈمىمىزدە ياساپ چىققان ساپ، تەبىئىي دورا ياسالمىسى بولۇپ، تۇخۇمى كىرەپشە، ئوغرى تىكەن، كاكىنەج، ئەنگۈرشىپا، تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى مىغىزى قاتارلىق 10نەچچە خىل دورىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئەنئەنىۋى شەربەت دورا ياساش تىخنىكىسى بويىچە ياسالغان.

ئىسىتمال قىلىش قولايلىق، بۇ بەدەندىكى نورمالسىز خىلىتلارنى تەڭشەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تازىلاش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.

 

3. داۋالاش نەتىجىسى

مەزى بىزى ياللۇغى 93نەپەر، ئۈنۈم كۆرۈلگىنى 85نەپەر، ئۈنمۈ كۆرۈلمىگىنى 8نەپەر، بۆرەك تىشى كېسىلى 21نەپەر، ئۈنۈم كۆرۈلگىنى 17نەپەر، ئۈنۈم كۆرۈلمىگىنى 4نەپەر، بۆرەككە سۇ يىغىلىش كېسىلى 17نەپەر، ئۈنۈم كۆرۈلگىنى 15نەپەر، ئۈنۈم كۆرۈلمىگىنى 2نەپەر.

مەزى بىزى ئۆسۈپ قىلىش 4نەپەر، ھەممىسىگە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولغان، بۆرەك بىرلەشمە كېسىلى 4نەپەر ھەممىسىگە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئومومى بىرىش نىسپىتى %90 .

 

4. خۇلاسە

يۇقۇردا ئىيتىلغان بېمارلار ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىشلىتىپ داۋالانغاندىن كىيىن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن.

بۇ ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى بىلەن سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بىر قەدەر چوڭ بولغان تەرەققىيات كۈچىگە ئىگە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

 

يۇقۇردا ئىيتىلغان كېسەللىكلەر ئىچىدە بۆرەك بىرلەشمە كېسەللىكلىرى تەرەققى قىلىپ، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدىكى 4بىمار ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار بىلەن داۋالانغان. سۈيدۈك ئاقسىلى +3 دىن يۇقۇرى ھالغا يەتكەن. مەزى بىزى ئىچىملىكىنى ئىچكەندىن كىيىن سۈيدۈك مىقدارى كۆرىنەرلىك كۆپەيگەن، سۈيدۈك ئاقسىلى +1 ئىچىدە كونترول قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۈيدۈك تەكىۋىدىكى ئازۇتنىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدە تۆۋەنلەپ، زەھەرلىنىش ئەھۋالى ياخشىلانغان.

 

مەزى بىزى ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابىتىدە ماددىلىق مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە مەنسۇپ بولۇپ، بېماردا قايسى خىلىت غەيرى تەبىئى ئۆزگەرگەن بولسا شۇ خىلىتقا مۇناسىپ بەدەن بەلگىلىرى كۆرۈلىشى بىلەن سۈيدۈك راۋان بولماسلىق، سۈيدۈك قىتىم سانى كۆپىيىش، پات- پات سىيگۈسى كىلىش، سىيگەندە سۈيدۈك يولى كۆيۈشكەندەك ئىچىشپ ئاغرىش، سۈيدۈك ئىنچىكە چىقىش، سىيىپ بولغاندىن كىيىن سۈيدۈك يولى ئىغىزىدا شىلىمشىق، يىرىڭسىمان ماددىلار پەيدا بولۇش قاتارلىق ئورتاق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. بېمارلارنى داۋالاشتا ئۆزگەرگەن خىلىتقا قارىتا مۇناسىپ مۇنزىج، مۇسھىل بىرىپ، بەدەندىكى غەيرى تەبىئىي ماددىلار تازلىنىپ بولغاندىن كىيىن مەخسۇس داۋالىغۇچى دورا سۈپىتىدە مەزى بىزى ياللۇغى ئىچىملىكىنى ئىچىشكە بەرگەندە يۇقارقى كېسەللىك ئىپادىلىرى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلانغان. بۆرەك تىشى كېسىلى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە ئىنىق بولمىغان كېسەللىك بولۇپ، دىئامىتىرى 8mmدىن كىچىك بولغان بۆرەك تىشى كېسەللىكلىرىگە ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تىز بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ تاشنىڭ پارچىلىنىپ چۈشۈشىنى تىزلەتكەن.

 

بۇ دورىنى يۇقارقىدەك سۈيدۈك سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە ئىشلەتكەندە كىلىنكىلىق ئۈنۈمىنىڭ ئوخشاش تۈرىدىكى دورىلارغا نىسپەتەن بىر قەدەر يۇقۇرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

 

بىز يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دورا رېتسىپىغا قارىتا ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش ئىلىپ بىرىپ، ياسالما شەكلىنى ياخشىلاپ، ئىچىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئومومىيۈزلۈك، چوڭقۇر كىلىنكىلىق كۆزىتىش ئىلىپ بىرىلسا بۇندىن كىيىنكى داۋالاش تەرەققىياتىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجە يارىتىشقا ئىشىنىمىز.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۇقىرى قان بىسىم كىسىلىنىڭ ئوزۇقلۇق ئىلمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .