كۆپىنچە كىشى ئانارنى يۈرەككە داۋا دەيدۇ ئاناريۈرەكنى قۇۋۋەتلەپلا قالماي ، روھنى ئۇرغۇتۇپ ،ئادەمنى جانلاندۇرىدۇ ، بولۇپمۇ ئىشچى -خىزمەتچىلەر دائىم ئانار سۈيى ئىچىپ بەرسە ، خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ ھەمدە خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

   تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە ، تەبىئىي ئانار شەربىتى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك كېسىلىگە شىپا بولىدىكەن ، شاماردارىش ھەم بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، يازدا مېۋە شەربىتىنى كۆپ ئىچىشنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان پايدىسى كۆپ . بولۇپمۇ تاۋۇز شەربىتى ئىشتەينى ئېچىپ ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇئەمما مېۋە شەربىتىنى ئىچىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك .

تاماقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن دەرھال مېۋە شەربىتى ئىچشكە بولمايدۇبۇنداق بولغاندا ، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تاماقتىن كېيىنكىبىر سائەت مېۋە شەربىتى ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئالۇچىنىڭ شىپالىق رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئەنجۈرنىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .