ئانار ئىنتايىن مول ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە مېۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرقايسى قىسمىنىڭ ئۆزىگە خاس رولى بار

 

 

   1. ئانار دانچىسىنىڭ قان تولۇقلاش، قان تومۇر يوللىرىنى جانلاندۇرۇش، مەڭزنى قىزارتىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، پۈتۈن بەدەننى، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، نېرۋا ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇش رولى بار. ئانار دانچىسىنى سىقىپ سۈيىنى سەل قاينىتىپ ئىچكەندە، مۆتىدىللىشىپ، ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق رولى تېخىمۇ ئاشىدۇ، سەپراغا تەگمەيدۇ.

   2. ئانار پوستىنى قۇرۇتۇپ، چالا سوقۇپ چاي تەييارلاپ ئىچسە ياكى يۇمشاق سوقۇپ كاپ ئەتسە بەدەندىكى قۇرۇقلۇقنى ھەيدەپ، مىجەزنى مۆتىدىللەشتۈرۈپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   3. ئانار چېچىكىنى ھەر خىل مىجەزدىكى كىشىلەر چاي دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، قان تومۇر يوللىرىدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، نېرۋا خىزمىتىنى جانلاندۇرىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ياڭاقنىڭ شىپالىق رولى2 تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاپېلسىن بىلەن باناننىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .