كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەدەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان، شۇنداقلا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇنداق بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىش زۆرۈر

   قول بارمىقىدىن قاس چىقىرىش. بەزىلەر دائىم قول بوغۇملىرىنى بېسىپ، ‹‹قاس›› چىقىرىدۇ، بۇ ئۇسۇل زىيانلىق. قول بوغۇملىرىنى باسقاندا، بوغۇملار كۆمۈرچىكىدە سۈركىلىش ياكى يېنىك زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ ھەم بوغۇم ئەتراپىدىكى نېرۋىلاردا غىدىقلىنىش كۆرۈلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بوغۇملارنىڭ بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوغۇملارنىڭ مۇستەھكەملىكى تۆۋەنلىگەندە، قول بارمىقىنىڭ يارىلىنىشى كېلىپ چىقىدۇ، بارماق بوغۇملىرىدا ئاستا خاراكتېرلىك زەخىم كۆرۈلىدۇ، بۇ بارماق بوغۇملىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   بۇرۇن تۈكىنى يۇلۇش ياكى بۇرۇننى كوچىلاش. بۇرۇن تۈكى نەپەس يولىدىكى مۇداپىئە لىنىيىسى بولۇپ، ئۇ كېسەل پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزم ۋە چاڭ – توزان قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنى توسىدۇ ھەم تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. بۇرۇن تۈكىنى يۇلغاندا ياكى بۇرۇننى كوچىلىغاندا، تېرە ئاسانلا زەخىمگە ئۇچرايدۇ ياكى تۈك خالتىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېسەل باكتېرىيىسىنىڭ بەدەنگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلىنىدۇ ھەم تۈك خالتىسى يۇقۇملىنىپ، چىقانلىق ئىششىش كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن يۈز قىسمىدىكى ‹‹خەتەرلىك ئۈچ بۇرجەك رايونى››دا بولغاچقا، ناۋادا يۇقۇملىنىش تاراپ كەتسە، ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا يىرىڭلىق مېڭە پەردە يەللىكى، مېڭە يىرىڭلىق ئىششىقىنى پەيدا قىلىپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۈچ خىل ئادەت

   تاماقتىن كېيىن كەمەرنى بوشىتىش. تاماقتىن كېيىن كەمەرنى بوشاتقاندا، ئادەم ئازادىلىك ھېس قىلسىمۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش بىر قىسىم كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، كەمەرنىڭ قورساققا چۈشۈرىدىغان بېسىمى تۆۋەنلەپ، ھەزىم قىلىش يولىغا بولغان قوللاش ئاجىزلايدۇ ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتى پەيلەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاسانلا ئۈچەي ئالمىشىپ قېلىش كۆرۈلىدۇ، بۇ ئۈچەي تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانغىچە ئۇخلاش ئوزۇقلىنىشتىنمۇ مۇھىم تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق ئادەتلەر ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .