قاتناش پەيدا قىلغان شاۋقۇن ئاۋازى دائىم چوڭ يول بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتنى بۇزۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇزاققىچە يۇقىرى شاۋقۇن بولۇپ تۇرىدىغان يول بويىدا ياشاۋەرسە، ئادەمدە ئاسانلا يۇقىرى قان بىسىم كېسىلى پەيدا بولىدۇ،

ھەتتا بۇ سەۋەبلىك باشقا خىلدىكى يۈرۈك ۋە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار18ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان 20 نەچچە مىڭ ئادەمنى تەكشۈررۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىگە قارىغاندا ،60ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرى شاۋقۇنلۇق مۇھىت بىلەن يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئارىسىدا ئېنىق باشلىنىش بولىدىكەن .

    ئەمما ئانالىزچىلار 60 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئارىسىدا بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى بايقىمىغان. ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلىپ:‹‹ئېھتىمال ياشانغانلار دۇچ كېلىدىغان خېيىمخەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى ئامىللارئالدىدا،شاۋقۇن ئاۋازىنىڭ خەتىرى تۆۋەنلەپ كەتسە كېرەك‹‹دېيىشتى. ياش جەھەتتىكى پەرقتىن باشقا،

تەتقىقاتچىلار بۇ خىل نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا جىنىس ۋە مىللەتنىڭ ئوخشىماسلىقى كۆرسىتىدىغان ئېھتىماللىقنى بايقىمىدى، شۇڭا تەتقىقاتچىلار مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى: تەدبىر قوللىنىپ قاتناش پەيدا قىلغان شاۋقۇننى يوقىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى يۇقىرى قان بىسىم يۈرەك ۋە شامالدارىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا زەھەرنى قايتۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پەلەمپەيدىن چۈشكەندە پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسىگەندە تىز بۇغۇملىرىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .