زەھەرنى قايتۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى

   بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش . ھەر كۈنى ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن بىر پىيالە(350مىللىمېتىر)سۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ،بۇ، ساقلىقنى ساقلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى .

   جىگەردىكى زەھەرنى قايتۇرۇش . يېرىم ئىستاكان ئىلمان سۇنى بىر دانە لىمون سۈيى، بىر قوشۇق شېكەر قىيامى، بىر چاي قوشۇقى زەيتۇن يېغى ۋە ئازراق قىزىل مۇچلارغا قوشۇ ئارىلاشتۇرۇپ  ئۇدا 10 كۈن،ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاچ قورساق ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. لىمون شەربىتى بىلەن زەيتۇن يېغىنى ئىشلەتكەندە جىگەرنى تازىلاپ ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىرىشىغا تۈرتكە بپلىدۇ،جىگەر ئاجرىتىپ چىقارغان ئۆت سۇيۇقلىقى ئۆت خالتىسىغا كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ساقلانغان زەھەرلىك ماددىلارنىمۇقويۇپ بېرىدۇ.ئەگەر ئۆت تېشى بولمىسا،بۇ خىل تازىلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان جىگەردىكى زەھەرنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   ئۆپكىدىكى زەھەرنى قايتۇرۇش . دائىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ بېرىش كېرەك.بۇنداق قىلغاندا،بەدەندىكى ئاجىز قانلار يېتەرلىك ئوكسىگېن نەملىكىگە ئېرىشىپ، ئۆپكىگە يىغىلىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلارنى قايتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي،يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ،كەيپىياتىمىزنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. ئادەتتە ھاۋاسى ساپ بولغان جاينى تېپىپ،ھەر كۈنى ئەتىگەندە 100 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭقۇر نەپەسلىنىپ بەرسە،ھۈجەيرىلەرنى ئوكسىگېن بىلەن تولدۇرىدۇ ۋە ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ .

   بۆرەكتىكى زەھەرنى ھەيدەش. ھەر كۈنى بىر دانە لىموننى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، سۇسراق لىمون سۈيى قىلىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەكتىكى زەھەرنى ھەيدەپ،چوڭ–كىچىك تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

   رادىئاتسىيىلىك زەھەر ۋە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنى يوقىتىش.بىر خالتا تەبىئىي تۇزنى كۆكرىكىگە ئېسىۋالسا، ئېلېكتىر ماگىنىت دولقۇنىنى سۈمۈرىدۇ ۋە نۇرنى قايتۇرۇپ بەدەننى ئاسرايدۇ.تۇز تەخمىنەن مۇشتۇمنىڭ يېرىمىچىلىك مىقداردا بولسا بولىدۇ، ھەر ئالتە سائەت ئىشلەتكەندىن كېيىن يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك.ۇنىڭدىن باشق ، ياغاچ كۆمۈر تەييارلاپ كومپيۇتېرنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ قويسىمۇ، رادىئاتسىيە قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئېلېكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قىش پەسلىدە تۇزنى ئازراق ئىستېمال قىلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قاتناش پەيدا قىلغان يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئاساسىي سەۋەبكارى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .