ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىم يېنىك، ئەۋرىشىم، ئىسسىق ساقلاش ئۈنۈمى بولغانلىقتىن، قىش كۈنلىرى كىشىلەر ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىمنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ

ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىمنى بەدەنگە زىيادە چىپ كەلتۈرۈپ كىيىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل تار ھەم بەدەنگە چىپ كېلىدىغان ئىچ كىيىمنى كىيگەندە، تېرە قىچىشىش، يۈرەك قان - تومۇر ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز بولۇش ياكى يۈرەك سانجىقى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىملەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆپ خىل بىرىكمىلىك قوش قەۋەتلىك ماتېرىياللاردىن تىكىلگەن، ئەمما بۇنداق ماتېرىياللار ئەمەلىيەتتە ئىككى قەۋەت ئادەتتىكى پاختا رەخت ئارىسىغا بىر قەۋەت چېچىلىپ تۇرىدىغان خىمىيەلىك تالالار ياكى نېپىز بىر قەۋەت پەردە يىپىشتۇرۇلغان بولىدۇ.
ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىمنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

بۇنداق ماتېرىياللار تېرە بىلەن سىرتقى مۇھىت ئارىسىدا گاز ۋە ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇشنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇش رولىنى ئوينايدۇ. كىشىلەر خىمىيەلىك تالالاردىن تىكىلگەن كىيىمنى كىيگەندە، ئاسانلا ئېلېكتىر ستاتىك پەيدا بولىدۇ، ئېلېكتىر ستاتىك بەدەن ئەتراپىدا كۆپ مىقداردىكى مۇسبەت ئىيونلارنى ھاسىل قىلالايدۇ، بۇنداق مۇسبەت ئىيونلار تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى كېمەيتىۋېتىپ،  تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېپەكلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەمدە بىر خىل قىچىشىش تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل بەدەنگە چىپ كېلىدىغان ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىم كىيگەندە، تېرىنىڭ قىچىشىش دەرىجىسىنى يەنىمۇئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئۇزاق مەزگىل خىمىيەلىك تالالىق ياكى ئارىسىغا نېپىز پەردە يېپىشتۇرۇلغان ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىم كىيگەندە، يىلىكنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

شۇڭا ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىملەر ئەڭ ياخشىسى بەك قىلىن بولۇپ كەتمەسلىكى، مەلۇم دەرىجىدە ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە بولۇشى، كەڭ - كۇشادە ھەم ئازادىرەك كەلگىنى ياخشى.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرى ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم كىيىپ ئۇخلىغىنى مۇۋاپىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .