ئۆز- ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن ساقلىنىپ كەمتەر، ئېتىياتچان بولۇش ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۆز خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغانلىقى ئۈچۈن ئاسان مەغرۇرلىنىپ، ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ، باشقىلارغا كەسكىنرەك مۇئامىلە قىلىدۇ ئۆز خىزمتىدە دائىم مەغلۇبىيەت ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرغان بولسا مەيۈسلىنىدۇ، چۈشكۈنلىشىپ قالىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق ۋاقىتتا تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان بولۇش كىرەك

ئۆز پىكىرىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىۋالماي، باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ئەستايدىل قۇلاق سىلىش كېرەك. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئائېلە ياكى جەمىئەتتە مۇئەييەن ئورۇنغا ۋە ھوقوققا ئىگە بولغاچقا،دىگىنىم راست دەپ ئادەتلىنىپ قېلىپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى كۆپ ئاڭلىمايدۇ، ئەگەر شەخسىي ئاداۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىش كۆرىدىغان بولسا بىر تەرەپلىمىلىك، ئادىل بولماسلىق، قىزىققانلىق كېلىپ چىقىدۇ.

يوقىلاڭ ئىشلارغا سەكرەپ كەتمەي، مۇلايىم، ئېغىر بىسىق بولۇشقا ئادەتلىنىش. ئۆپكىسىنى باسالماسلىق  قاراملىق، تەۋەككۈلچىلىك، چوڭقۇر ئويلانماسلىق ۋە ئالدىراقسانلىق قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. بەزەنلەرنىڭ ياش ۋاقتىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرا ياشلىق ۋاقىتقىچە ئەگىشىپ كىلىدۇ.
 
ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

 ئىككى يۈزلىمىلىكتىن ساقلىنىش، سۆز بىلەن ھەركىتى بىردەك بولۇش. ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۈلگە بولۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئۆز ئەمىلىيتى ئارقىلىق ئۈلگە بولىشى، كۈندىلىق خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا يۈكسەك ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە نەمۇنىلىك ھەركىتى ئارقىلىق قول ئاستىدىكىلەرنى، ئوقوغۇچىلارنى ۋە بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈشى ۋە تەربىيلىشى كىرەك.

 ئوتتۇرا ياشلىقلار ياشلار،  ئۆسمۈرلەر ۋە ياشانغانلار ئوتتۇرىسىدا ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقتىن، يۇقىرغا خۇشامەت قىلىپ، تۆۋەننى باسسا ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا شامالغا بېقىپ كېمە ھەيدەش، يۈز قاراپ ئىش كۈرۈشتەك ناچار ئىستىلغا قارشى تۇرۇپ، پەزىلەتلىك ۋە ئىشتا ئادىل بولۇشى كىرەك.

 كەمتەر، كىچىك پېئىل، مۇلايىم بولۇشى،چوڭ مېڭىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى ساقلاش ئۈچۈن، كىتاب، ژورناللارنى ئوقۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرخىل ھەۋەسلەرنى يېتىلدۈرۈش ، ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان تۈرلۈك مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىپ، ئەقلىي قابىلىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى ، يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە دەم ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك.

 بارماقلىرىنى داۋاملىق ھەركەتلەندۈرۈپ، بارماقلىرىنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلىشى لازىم.

 ياشلار بىلەن دوست بولۇشى ، يېمەكلىك جەھەتتە بېلىق، تۇخۇم، قارا گۆش، سۈت ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

بەك خۇشال بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلارنى بالدۇر سېزىپ ۋە بالدۇر داۋالىتىشى كېرەك سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشى لازىم.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بويتاق ئۆتۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىسسىق ساقلايدىغان ئىچ كىيىمنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .