شۋېيتسارىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يالغۇز ئۆتۈۋاتقان بىرنەچچە مىڭ ئادەمنى 21 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كىشىلەر ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەم بولۇشى چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش فۇنكسىيەسىنى قوغداشقا پايدىسىز بولىدىكەن

تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بويتاق ئۆتۈشى، جۈملىدىن تۇل قېلىشى، ئاجرىشىپ كېتىشى، ئايرىلىپ تۇرۇشى، نىكاھلانماسلىقى قاتارلىقلار بىلىش فۇنكسىيەسىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ زىيىنى ئەڭ زور بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بويتاق ئۆتۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن


 باشقا يالغۇز ئۆتۈش ئەھۋاللىرىمۇ بىلىش فۇنكسىيەسى كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئىككى ھەسسە ئەتراپىدا كۆپەيتىۋېتىدىكەن. چوڭ مېڭە ئۆزىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ساقلاپ، بىلىش فۇنكسىيەسىنى قوغدىشى ئۈچۈن بەلگىلىك غىدىقلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.

   كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ياخشى غىدىقلاش ۋە رىقابەت ھېسابلىنىدىكەن. بويتاق ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشى ھاجەتسىز، ئەمما بۇنداق ئاددىي ۋە رىتىملىق تۇرمۇش چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى قوغداشقا پايدىسىز ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .