يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە ، ئۇزاق ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگەندە كېسەل بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرىلاپ ، ئادەمنىڭ ئۆمرى بىر نەچچە يىل قىسقىرايدىكەن

ئەڭ مۇھىمى ، تېلېۋىزور ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان زىياننى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدىكەن .

ئۇزاق ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ

   ئىگىلىنىشچە ، ھەر كۈنى تېلېۋىزورنى ئىككى سائەتتىن ئاز كۆرىدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا ، تۆت سائەتتىن ئارتۇق كۆرگۈچىنىڭ يۈرەك كېسلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %80 ، باشقا خىل كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %46 بولىدىكەن . بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە سەۋەب تېلېۋىزور كۆرۈش بولماستىن ، بەلكى ھەرىكەت قىلماي ئۇزاق ئولتۇرۇش ئىكەن . ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇشمۇ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەن ، چۈنكى ئۇزاق ئولتۇرغاندا ئادەمنىڭ مېتابولىزمى (ماددا ئالمىشىشى) قالايمىقانلىشىپ كېتىدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چايداندا چاي دەملەش سالامەتلىككە زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ بويتاق ئۆتۈشى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .