چاي تەركىبىدە ئامالىن كىسلاتاسى چاي كىسلاتاسى ، پۇراقلىق ياغ ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار بۇلار پەقەت 80 گرادۇستلۇق قايناقسۇدا دەملەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ

ئەگەر چايداندا چاي دەملىسە چاي قايناقسۇدا ئۇزاق تۇرغاچقا قاينىتىلغاندەك بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا چاي تەركىبىدىكى ۋىتامىن كۆپ مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، پۇرىقىمۇ قالمايدۇ .

ئاكرىل كىسلاتا، چاي كىسلاتا تەركىبلىرىمۇ يوقىلىپ ، چاينىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن ، بەلكى چاينىڭمۇ تەمى بولمايدۇ ، زىيانلىق ماددا كۆپىيىدۇ .

ئەگەر ئىسسىق ساقلايدىغان چايدانلاردا چاي دەملىسىڭىز دەملىمەيلا ئىچىڭ ، ھەرگىز ئاغزىنى يېپىپ ئۇزاق ۋاقىت تۇرغۇزماڭ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيقۇسى كەلگەندە سوغۇق سۇدا بېشىنى يۇيۇش سالامەتلىككە زىيانلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇزاق ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .