بەزىلەر ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ ئۇيقۇسى كەلسە ، سوغۇق سۇدا بېشىنى يۇيۇپ راھەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ بۇنىڭ ۋاقىتلىق ئۈنۈمى كۆرۈلگەندەك قىلغىنى بىلەن سالامەتلىككە زىيانلىق

يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا ياكى كىتاب ئوقۇغاندا ، چوڭ مېڭە جانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ ، ۋاقىت ئۇزارغاندا مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ، چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتكەندە ھاردۇق يېتىپ باش قايىدۇ .
 
ئۇيقۇسى كەلگەندە سوغۇق سۇدا بېشىنى يۇيۇش سالامەتلىككە زىيانلىق

 ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا سوغۇق سۇدا باش يۇيسا چوڭ مېڭىنىڭ غىدىقلىنىش جەريانىنى زورمۇ زور ساقلاپ قېلىپ ، غىدىقلىنىش بىلەن كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

 بۇنداق ئەھۋال ئۇزاققىچە داۋاملاشسا نېرۋا ئاجىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا چىش چوتكىلاش ۋە قان تومۇر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چايداندا چاي دەملەش سالامەتلىككە زىيانلىق توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .