بىر قىسىم كىشلەر تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا سائەتنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلىسا ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلمىغان ھالەتتە كۈندىلىك مەشغۇلاتنى باشلايدۇ بۇ خىل ھالەت ئادەتتە ‹‹ئۇيقۇدىن كېيىنكى تۇرمۇزلىنىش ››ياكى ‹‹چالا ئۇيقۇ››دەپ ئاتىلىدۇ

چالا ئۇيقۇ دىگەن قانداق ئەھۋال؟


ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ، چالا ئۇخلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىغ نەتىجىسى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن . ئۇزۇن مەزگىل چالا ئۇيقۇ ھالىتىدە يۈرۈش ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ، نېرۋا ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، يۈرەك ، قان تومۇر كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ ، ئورگانىزملارنىڭ قان قەنتىگە بولغان چىدامچانلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ ، ئىنسۇلىنغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ ، ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


ئېغىر بولغاندا ھەتتا ، يۇقىىر قان بېسىمى ، زىيابىتۇس(دىئابىت) كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ئەتىگەندە ئويغىنىپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەي ، 5–10 مىنۇت ئەتراپىدا يېتىپ ، ئۇيقۇ ئېچىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيسا ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چىش چوتكىلاش ۋە قان تومۇر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .