قىش پەسلىدە قۇرغاق ھاۋا بولۇپ ، بەدەندىكى سۇ مىقدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىدۇ نۇرغۇن كىشىلەردە ئېغىز قۇرۇپ ، تېرىسى قۇرغاقلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ

بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئازلىقىدىن بولىدۇ . بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە سۇنى كۆپرەك ئىچكەندىن سىرت يەنە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ .

     1. چۈچۈمەل مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىڭ . چۈنكى چۈچۈمەل مېۋىلەردە ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E مول بولۇپ ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ . ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەر : دولانا ، مايمۇن شاپتۇل ، ئالما ، نەشپۈت ، ئاپېلىسىن قاتارلىقلار .

     2 . ‹‹ئاق رەڭلىك ›› يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ . ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، ئۆپكىنى جانلاندۇرىدۇ ، يەنە سۇ تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن ، ئاق تۇرۇپ ، يېسىۋېلەك ، مانتا كاۋىسى ، گۈلسامساق ، ئاققۇلاق ، نېلۇپەر ، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلار .

     تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، قىش پەسلىدە تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك ، قۇرغاق كېلىمات نەپەس يولى سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، نەپەس يولى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تۇزلۇق يېمەكلىكلەر بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىينى تۆۋەنلىتىپ ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن ، شۇڭا قىش پەسلىدە چۈچۈمەل مېۋىلەرنى كۆپرەك تۈزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زەھەرنى قايتۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .