چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاش. چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسى ماي كىسلاتاسىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا ماي كىسلاتاسى مول بولغان قىچا مېيى، ياڭاق، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

   چوڭ مېڭىنى ئاسراش. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەركىن رادىكاللار قان ئايلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە ئېقىپ كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا سەۋزە، سامساق، پالەك، سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك .

   چوڭ مېڭىنى غىدىقلاش. چوڭ مېڭىدە نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن باشقا، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىدىغان يەتكۈزۈش سىستېمىسى بار، ناۋادا  تىرىپتوفان قاتارلىق ماددىلار كەمچىل بولسا، چوڭ مېڭە خىزمىتىنى نورمال داۋاملاشتۇرالمايدۇ. شۇڭا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى، تۇخۇم دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىيادە يول يۈرۈش ۋە سالامەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .