ياۋروپا مۇھىت سىياسىتى تەتقىقات ئورنى يېقىندا، كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشى ۋە بەزى كىشىلەردىكى سېمىزلىك كېسىلىنى ئاپتوموبىلنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىدى

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، مەكتەپكە ئاپتوموبىل بىلەن توشۇلىدىغان بالىلارنىڭ ھەر ھەپتىدىكى پىيادە مېڭىش ۋاقتى پىكاپى يوق ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭكىدىن بىر سائەت ئاز بولىدىكەن. شۇڭا تەتقىقاتچىلار مەكتەپ ئەتراپىدا ئاپتوموبىل توختىتىشنى چەكلەش رايونى تەسىس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مەكتەپكە پىيادە بېرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

    ياۋروپا مۇھىت سىياسىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە بىر سائەت ئارتۇق پىيادە ماڭغاندا، ئون يىلدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 كىلوگىرام ئورۇقلىغىلى بولىدىكەن.

    تەتقىقاتتا يەنە، ھەر ھەپتىدە بىر سائەت ئارتۇق پىيادە ماڭغاندا، جەمئىي 10 مىليون 100 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. زىيادە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش سېمىزلىك كېسىلىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر كۈندىلىك پىيادە مېڭىشنى ئازايتقاندا، ئون يىلدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقىغا تۈگەتكۈسىز ئېغىر تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

    جۇڭگودىكى يەنە بىر تەتقىقاتتا، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئاپتوموبىل بىلەن خىزمەتكە بېرىپ – كەلگەندە، ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بىر ھەسسە بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تازىلىق ئۆيىدىكى ساغلاملىق ۋاقىت جەدىۋىلى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشلاشتا... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .