ئاچچىقسۇدىن 18خىل ئۇسۇلدا پايدىلىنىش


1. سوغۇق سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئۇنىڭغا توڭ گۆشنى چىلىسا، توڭ گۆش تېز ئېرىيدۇ. توڭ بېلىقنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرىتسىمۇ بولىدۇ.

     2. بوغۇزلانغان توخۇ، غاز، ئۆردەك، كەپتەر قاتارلىقلارنى بىر چوڭ قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇلغان قايناقسۇغا بىر نەچچە مىنۇت چىلىسا، ئۇلارنىڭ پەيلىرىنى تازىلاش ئاسان بولىدۇ.

     3. مۇچ قورىغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، مۇچ كۆيۈپ كەتمەيدۇ ھەم ئاچچىق بولماي، مەززىلىك پىشىدۇ.

     4. ھەر كىلوگرام سۇغا 10 مىللىلېتىردىن ئاچچىقسۇ قويۇپ، بېلىقنى بىر نەچچە مىنۇت چىلاپ ئاندىن قاسرىقىنى قىرسا، قاسرىقى ئاسان تازىلىنىدۇ.

     5. تومۇز ئىسسىقتا بېلىقنى ئاچچىقسۇ قۇيۇلغان سۇغا چىلاپ قويسا، بېلىق بىر كېچە – كۈندۈزۇ بۇزۇلمايدۇ.

     6. شورپىغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئىچسە، بەدەننىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىگە پايدىسى بولىدۇ.

     7. تۇخۇم پىشۇرغاندا سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، تۇخۇم يېرىلماي پىشىدۇ.

     8. گۈرۈچ ئېشى دۈملىگەندە، بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىپ دۈملىسە، گۈرۈچ ئاپئاق، تىرىك ھەم مەززىلىك پىشىدۇ.

     9. كۆكتات يۇيغاندا سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، كۆكتات يوپۇرمىقىدىكى قۇرۇتلارنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

     10. يېڭى گۆشنى ئاچچىقسۇغا چىلانغان رەختكە ئوراپ ساقلىغىلى بولىدۇ.

     11. كالا گۆشى پىشۇرغاندا، ھەر كىلوگرام سۇغا بىر – ئىككى چوڭ قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قايناتقاندا، كالا گۆشى ھەم مەززىلىك، ھەم يۇمشاق پىشىدۇ.

      12. ئاقلانغان بەرەڭگىنى سوغۇق سۇغا چىلىغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، بەرەڭگىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ.

      13. پوشكال، بوغۇرساق سالغاندا خېمىرغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، يېيىشلىك بولىدۇ.

      14. كۆكتات قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، ۋىتامىن C نىڭ ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

     15. پىدىگەن قورۇغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسە، قارىيىۋالماي كۆركەم پىشىدۇ.

     16. بېلىق پىشۇرغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، بېلىقنىڭ غەيرىي پۇرىقىنى يوقىتىدۇ.

     17. سۇغا ئاچچىقسۇ تېمىتىۋېتىپ داستىخان، لۆڭگىلەرنى يېنىك ئۇۋىلاپ يۇيسا كىرى ئاسان چىقىدۇ.

     18.چۆپ پىشۇرغاندا سۈيىگە ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ قايناتقاندا، چۆپ تىرىك ھەم ئاپئاق پىشىپ، يېيىشلىك بولىدۇ.  


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىن ساقلىنىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چوكىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ قايسى خىل چوكا ئاسانلا جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .