ساغلام ئۇخلاش قائىدىسى ۋە ئۇخلاش مۇھىتى

ئۇخلاش قائىدىسى:

1.باشنى شىمالغا ياكى جەنۇبقا قىلىپ ئۇخلاڭ، ھەرگىز شەرقكە ياكى غەربكە قىلماڭ. 

2.ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئوڭدا ھالەتتە تۈز يېتىپ، ئىككى قولنى بۆرەكنىڭ ئۇددۇلىغا كەلتۈرۈپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ بولۇپ، ئاندىن ئۇخلاش. 

3.ھۇجرىغا پۇرىقى ئېغىر بولغان ئۆسۈملۈك، يالغان تاغ ياكى تاش قاتارلىق نەرسىلەرنى قويماسلىق. 

بەزىلەر ئۇخلاشنى كىم بىلمەيدۇ؟ بۇنىمۇ ئۆگىنىش كېتەمدۇ؟ بۇ ئېنىقلا گەپ يورغىلاتقانلىققۇ! دېيىشى مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن قانداق ئۇخلاشنى بىلمەيدۇ. 

باشنى قايسى تەرەپكە قىلىپ ئۇخلاش سالامەتلىككە ئەڭ پايدىلىق؟  شىمالغا قىلىش كېرەكمۇ، جەنۇبقىمۇ؟

باشنى قايسى تەرەپكە قىلىش ھەققىدە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر جەنۇبقا قىلغان ياخشى دېسە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بېشىنى جەنۇبقا قىلىپ ئۇخلايدۇ، ئاندىن يەنە بىر مۇتەخەسسىس شىمالغا قىلىپ ئۇخلاش ياخشى دېسە، كۆپچىلىك يەنە بېشىنى شىمالغا قىلىپ ئۇخلايدۇ. ئۇنداقتا باشنى زادى قايسى تەرەپكە قىلىپ ئۇخلاش كېرەك؟

مېنىڭچە، بېشىڭىزنى جەنۇبقا قىلسىڭىز، شىمالغا قىلسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، لېكىن ھەرگىز غەرب ياكى شەرق تەرەپكە قىلىپ ئۇخلىماڭ. بېشىڭىز غەرب ياكى شەرق تەرەپكە قىلسىڭىز، يەرشارى ماگىنىت مەيدانى بەدىنىڭىزدىن توغرا كېسىپ ئۆتۈپ، سىزنىڭ يۈرەك، مېڭە ۋە باشقا ئەزالىرىڭىزغا مەلۇم تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن بېشىڭىزنى شىمال ياكى جەنۇب تەرەپكە قىلسىڭىز، بەدىنىڭىز ماگىنىت سىزىقى بىلەن بىردەك يۆنلىشتە بولىدۇ. 

بىر دوستۇمنىڭ تۆت ياشلىق قىزى كۈندە كەچتە كارۋات يۆنلىشى بويىچە ئۇخلاپ، ئەتىگەندە كارۋاتقا توغرا ھالەتتە قوپىدىكەن. مەن ئۇنىڭغا كومپاستىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ، كارۋاتنىڭ تەرەپ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم. بالىلارنىڭ تەبئىي سەزگۈسى كۈچلۈك، چوڭلار ئورنى بىئەپ بولۇپ قالسىمۇ، بېشىنى توغرىلاپ يېتىشقا ھورۇنلۇق قىلىدۇ، سەزگۈسىمۇ گال، لېكىن بالىلار ئوخشىمايدۇ، دوستۇمنىڭ قىزى تەبئىي سەزگۈسى ئارقىلىق ئۇخلاۋاتقان ئورنىنىڭ ماگىنىت يۆنلىشىگە تەتۈر كېلىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، كارۋاتتا توغرىسىغا يېتىۋالغان، شۇنداق بولغاندا، ماگىنىت يۆنلىشى بويىچە يېتىپ خاتىرجەم ئۇخلىغان. مانا بۇنى تەبئىي ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى دەيمىز. 

بىر نۇقتا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئائىلىڭىزدە ماگنىتلىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىشلەتمەڭ، چۈنكى ماگىنىتتىن بۇلغىنىشمۇ ئادەمنىڭ بەدىنىگە زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. 

 

ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بۆرەك قۇۋۋەتلەش

ئۇخلاشتىن ئاۋۋال قولنى بۆرەكنىڭ ئۇددۇلىغا قويسا، بۆرەكنى قۇۋۋەتلىكگىلى بولىدۇ. 

 

تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت- ژورناللاردا بۆرەك قۇۋۋەتلەش ھەققىدىكى ئېلانلارنى بەك بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۆرەك قۇۋۋەتلەشنىڭ ئۇسۇلى بەك ئاددى. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئوڭدا ھالەتتە تۈز يېتىپ، ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، قولنىڭ دۈمبىسىنى بەلگە، يەنى بۆرەكنىڭ ئۇددۇلىغا قويۇپ، يېرىم سائەت ئەتراپىدا يېتىپ بەرسە، بۆرەك قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

 

ھوجرىغا نېمىلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ؟

مېنىڭچە ھوجۇرىڭىزغا بىر- ئىككى تەشتەك كاكتۇس، قىزەنگۈلدەك ئۆسۈملۈكلەرنى قويۇڭ، لېكىن تۈنپراق دېگەندەك پۇرىقى كۈچلۈك گۈللەرنى قويمىغان ياخشى، چۈنكى بۇ خىل گۈللەر يۈرەكنى زىيادە ھاياجانلاندۇرۋېتىدۇ. يەنە بەزى ياشانغان كىشىلەر تاش ساقلاشقا ئامراق، ھوجرىغا قويۇلغان تاشلار كۆپ بولسا، سالامەتلىككە پايدىسىز.

 

ئۆي قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

ھازىر شەھەر قۇرۇلۇشى كۈندىن كۈنگە كېڭىيىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى بارغانسېرى چوڭلىماقتا، قارىماققا بۇ ياخشى ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ياشانغانلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. ياشانغانلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىدىنلا يېتەرسىز بولغاچقا، چوڭ ئۆيلەر ئۇلاردىكى قۇۋۋەتنى زىيادە خورىتىۋېتىدۇ. 

ئۆيىڭىزنىڭ دەرىزىسى باشقىلارنىڭ تېمىغا ئۇددۇل ئېچىلىدىغان بولۇپ قالمىسۇن. بولمىسا كۈندە دەرىزە ئاچسىڭىز، ئۇددۇل تامنى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىزمۇ سەل بىئارام بولىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بەدەندىمۇ بەزى ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئوچۇقىنى ئيېتقاندا، 

ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ھەممىدىن مۇھىم، شۇڭا ياشانغانلار كۆرسە بىئارام بولىدىغان ياكى بىرەر ناچار ئەھۋالنى ئەسلىتىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا تىزىپ قويماسلىق كېرەك. 

«شىپالىق قول» ناملىق جۇڭيىچە ئۇۋىلاپ داۋالاش كىتابىدىن ئېلىندى

تەرجىمان: ئىسكەندەر جېلىل


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئاچچىقسۇ بىلەن تازىلىغىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پۇت ۋە ئاياغدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .