مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئاچچىقسۇ بىلەن تازىلىغىلى بولىدۇ

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى تازىلاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. شۇڭا بۈگۈن سىلەرگە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى تازىلاشنىڭ ئاددىي ھەم قولايلىق ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەلدۇق.

ئاۋۋال بىر قاچا، بىر ئىستاكان ئاچچىقسۇ، تۆت ئىستاكان سۇ تەييارلايمىز.

دىققەت: ئاچچىقسۇ بىلەن سۇنى 4:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇش كېرەك.

ئاچچىقسۇنىڭ كىرلەرنى ئېرىتىش رولى بار، شۇڭا  4:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرساق تازىلاش رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بەك مەينەت بولسا 1:1 نىسبەتتە ئارىلاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئاندىن ئارىلاشما سۇيۇقلۇقنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سالىمىز.

يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بەش مىنۇت قىزىتىمىز.

دىققەت: ۋاقىت چوقۇم يېتەرلىك بولۇش كېرەك، بولمىسا مايلار ئېرىمەيدۇ.

ۋاقىت توشقاندا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئاچسىڭىزلا مايلارنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. دىققەت: ئىچىدىكى تېمپېراتۇرا سوۋۇغاندىراق ئاندىن قاچىنى ئېلىۋېتىڭ.

ئاندىن دەسمال بىلەن ئىچىنى سۈرتىمىز.

دەسمال سۈرتكەن يەردىكى ماي دېغىنىڭ ھەممىسى چىقىپ كېتىدۇ.

ئاچچىقسۇ ئىشلەتكەن بولغاچقا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق غەيرىي پۇراپ قالىدۇ، شۇڭا ئىچىگە ئاپېلسىن پوستىنى سېلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، 15 سېكۇنت قىزىتسىڭىز غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا رەڭ ۋە سالامەتلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ساغلام ئۇخلاش قائىدىسى ۋە ئۇخلاش مۇھىتى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .