بۆلجۈرگەننى يۇيۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى

ياز كەلدى، ھەممىمىز بۆلجۈرگەن يىيىشكە ئامراق، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۆلجۈرگەننى توغرا يۇيۇشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلمەيدۇ!

بىرىنچى قەدەم:

بۆلجۈرگەننى سۈزگۈچنىڭ ئۈستىگە قويۇپ سۈزۈك سۇ بىلەن چايقايمىز، ئۈستىنى يېنىك ئۇۋىلىساق بولىدۇ.

ئىككىنچى قەدەم:

بۆلجۈرگەننىڭ ساپىقىنى ئېلىۋەتمەڭ، بولمىسا بۆلجۈرگەننى يۇيغاندا، دېھقانچىلىق دورىلىرى سۇ بىلەن تەڭ مېۋە ئېتىگە كىرىۋالىدۇ.

ئۈچىنچى قەدەم:

بىر قاچا سۈزۈك سۇغا، بىر قوشۇق تۇز سېلىپ بۆلجۈرگەننى ئىچىگە سېلىڭ.

3-5 مىنۇت چىلاپ قويىسىز، بۇنداق قىلغاندا بۆلجۈرگەننىڭ ئۈستىدىكى قالدۇق نەرسىلەر چىقىپ كېتىدۇ.

تۆتىنچى قەدەم:

قاچىدىكى سۇنى تۆكۈۋېتىپ، سۈزۈك سۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم چايقايمىز.

ئەگەر ئاۋارىچىلىق دەپ ئويلىسىز، بۆلجۈرگەننى سۇغا ئاز بولغاندىمۇ يېرىم سائەت چىلاپ ئۈستىدىكى قالدۇق نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىڭ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بانان شۆپۈكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قارا شېكەر ۋە كۈدە بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .