بەدەننى ئۇۋۇلىتىش ھەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان ئىش، بىراق ئۇ ھەرقانداق ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ  

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

مۇتەخەسسىسلەر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىشتى: بولۇپمۇ قان بېسىمى يۇقىرى، قېنىدا قەنت كۆپ، قېنى ياغلىق كىشىلەر بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋۇلاتسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، چۈنكى بويۇن ئومۇرتقىسى بەدەن بىلەن چوڭ مېڭىنى ئۇلايدىغان بۆلەك، مېڭە توقۇلمىلىرىغا كېرەكلىك قان بويۇندىكى تومۇردا توشۇلىدۇ، بۇ قان تومۇرلارنىڭ ئارىسىدا بويۇن ئىچكى ئارتېرىيەسىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەردە بويۇن ئىچكى ئارتېرىيەسى قېتىشىش ياكى ئۇيۇشۇش ئەھۋالى بولسا، ئۇۋۇلاش قېتىشقان قانلارنى پارچىلايدۇ، بۇ قان پارچىلىرى قان بىلەن مېڭىگە ئېقىپ كىرىپ باشتىكى قان تومۇرلىرىنى توسۇپ قويىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۈچ خىل كېسەللىك يەنە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى، ناۋادا ئۇۋۇلاش جەريانىدا كۈچنىڭ سالمىقىغا سەل قارالسا، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر قان بېسىمى بەكلا يۇقىرى بولسا، ئۇۋۇلىغاندا يۈرەككە كېلىدىغان قان بېسىم تېز كۈچىيىپ مېڭىگە قان چۈشۈشكە سەۋەب بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا شار پۈۋلەپمۇ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چىش زەخمىسىگە سەل قارىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .