قاتتىق يۆتىلىشمۇ جاننى قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولالايدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
يالغۇز سىرىتتا يۈرگىنىڭىزدە تۇيۇقسىز دېمىڭىز سىقىلىپ نەپەس ئالالماي قالسىڭىز، شۇنداقلا يۈرىكىڭىزدىن چىققان قاتتىق سانجىق ئېڭەك ۋە بىلەكلىرىڭىزگە تاراپ، بېشىڭىز قېيىشقا باشلىسا، ئەگەر يېنىڭىزدا جىددىي قۇتقۇزۇش دورىسى بولمىسا قىلچە جىددىيلەشمەستىن پۈتۈن كۈچىڭىزنى يىغىپ قاتتىق يۆتەلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ سىزنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ. 
 

ئادەم يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندە تەخمىنەن ئون سېكۇنت زېھىن ئوچۇق ھالەتتە بولىدۇ، بۇ قىسقىغىنا ۋاقىتتا قاتتىق يۆتىلىش كۆكرەككە چۈشكەن بېسىمنى كۈچەيتىپ، يۈرەكنى قىسىپ ھەم يۈرەكنىڭ يىغىلىشىنى تېزلىتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. شۇڭا ئورنىمىزدىن تۇيۇقسىز تۇرغاندا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بىر ئىككىنى يۆتىلىۋەتسەك ھوشىدىن كېتىش ياكى يىقىلىپ كېتىشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا يۈرەكنى قوزغىتىش ئەجەللىك يارىلىنىشنى پەيدا قىلمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يۈرەكنىڭ سوقۇشى نېمە ئۈچۈن بەزىدە تېز بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .