نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي ئىچىدە ھەرخىل گۈللەرنى ئۆستۈرۈپ كۆزىنى ئارام ئالدۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ، ئەمەلىيەت بۇ توغرا ئەمەس

ئۆي ئىچىدىكى گۈللەر ئاز ھەم ساز بولغىنى ياخشى. ئۆي ئىچىدە گۈل بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ، ئۆي مۇھىتى ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ قورۇلمىسىغا تەسىر يېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا كەيپىياتنى تەڭشەش تەس بولۇپلا قالماي ، يەنە كۆرۈش سەزگۈسىنى چارچىتىپ قويىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى چوڭ تەشتەكلىك گۈللەر كۆپ مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ.

شۇڭا ئەڭ ياخشىسى گۈل ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كۈندۈزدە ياتاق ئۆيىگە قويۇپ ، كەچلىكى ئادەم تۇرمايدىغان ئۆيدە قويۇش كېرەك، بولمىسا ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى بۇلغاپ قويىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تازىلىق ئۆيى بەك نەم بولۇپ كەتكەندە ئاسانلا كېسەلگە گىرىپتار بولىسىز تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پەردەنى ياخشى تاللاپ ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاش كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .