تېرىگە قان ئۇيۇۋالسا، تېرە بىر نەرسىگە سوقۇلۇپ ئىششىپ ، قان ئويۇۋالسا ، شۇ جايغا ئازراق چىش پاستىسى سۈرتۈپ

    تېرىگە قان ئۇيۇۋالسا، تېرە بىر نەرسىگە سوقۇلۇپ ئىششىپ ، قان ئويۇۋالسا ، شۇ جايغا ئازراق چىش پاستىسى سۈرتۈپ قويسا ، كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكلەيدۇ .

   قول بارماقلىرى ئىششىپ ئاغرىۋاتقاندا مۇۋاپىق مىقداردىكى جاڭيۇ بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئازراق قىزىتىۋېتىپ ، بارماقنى شۇنىڭغا چىلاپ ئولتۇرسا ئىششىق يانىدۇ ، ئاغرىق توختايدۇ .

   بەدەن قىچىشىدىغان بولۇپ قالغاندا پاختىنى ھاك سۈيىگە چىلاپ قىچىشقان جايغا سۈرتۈپ قويسا ، بىردەمدىلا قىچىشىش توختاپ ، ئىششىق يېنىپ كېتىدۇ .

   تۆمۈر–تېسەك تېگىپ بەدەم كۆكىرىپ قالغان، قان ئۇيۇۋالغان ، ئىششىپ قالغاندا ، زەخمىلەنگەن جايغا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم قىزىتىلغان ئاچچىقسۇ سۈرتۈپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ .

ئەھمەت تاشتۆمۈر تەييارلىغان


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاياغ پۇتنى قىستىغاندا تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سوۋۇتۇلغان قايناق سۇغا سەل قارىماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .