يېشىل چاي دەملەش يېشىل چاي دەملەشكە ئەڭ مۇۋاپىق قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃76

    يېشىل چاي دەملەش . يېشىل چاي دەملەشكە ئەڭ مۇۋاپىق قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃76 . يەنى چەينەكتىكى سۇ قايناق ھالىتىگە كىرىپ ئازراق ھور چىققان چاغدا ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن بولىدۇ . 
 
   يۇيۇنۇش . يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىسى ℃35–℃40 قىچە ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا تېرىنىڭ قوغداش قاتلىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، يۇقۇملىنىش ۋە مىكروبكا قارشى تۇرۇش كۈچى يوقىلىدۇ . 
 
   تۇخۇم پىشۇرۇش . ℃71 تۇخۇمنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن تەمىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تېمپېراتۇرا ، يەنى تاۋا قىززىغان ھامان ، تۇخۇمنى چېقىپ تاۋىغا تۆكۈش كېرەك . 
 
   قېنىپ ئۇخلاش . ℃20 ئادەم ئەڭ ئازادە روھىي ھالەتتە قېنىپ ئۇخلىيالايدىغان تېمپېراتۇرىدۇر . ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ℃20 قا توغرىلاڭ ، كۆزىڭىز ئۇيقۇغا بارغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېتىۋېتىڭ . 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پالەك ۋە سەۋزەدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاياغ پۇتنى قىستىغاندا توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .