ئىششىپ ئاغرىش : ئامېرىكىلىق مۇتەخسىسىلەر ئاياللار 30-40ياشقا كىرگەندە ياكى ھەيز كېلىۋاتقان مەزگىلدە ، پۇتى ئىششىپ ئاغرىش ئادەتتە ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ نۇرمال ئەھۋال ،لېكىن ئىششىپ ئاغرىش ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىمى ، بىر قىسىم ئاغرىقلاردا سۆڭەك شالاڭلىشش



   ئىششىپ ئاغرىش :
ئامېرىكىلىق مۇتەخسىسىلەر ئاياللار 30-40ياشقا كىرگەندە ياكى ھەيز كېلىۋاتقان مەزگىلدە ، پۇتى ئىششىپ ئاغرىش ئادەتتە ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ نۇرمال ئەھۋال ،لېكىن ئىششىپ ئاغرىش ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىمى ، بىر قىسىم ئاغرىقلاردا سۆڭەك شالاڭلىشش كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا دائىم ئوشۇقنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسە ،يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ،دەپ كۆرسەتتى .

شۇڭا ئوشۇق ئوڭ، سول پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىدىكى موھىم ئېغىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئوشۇق يۇمشاق ، ئىلاستىكىلىقى نورمال بولسا ،قىزىل تومۇردىكى يۈرەككە قايتىدىغان قان ئوشۇقتىن راۋان ئۆتىدۇ ؛ ئەگەر ئوشۇق قېتىۋالغاندا بولسا قىزىل تومۇردىكى يۈرەككە قايتىدىغان قان سۇيۇقلۇقى خۇددى ‹‹توسۇلۇپ قالغان ماشىنا››لاردەك ، ئوشۇق ئەتراپىدا توسۇلۇپ قېلىپ ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا ، يۇقىرى قان بېسمنىڭ خەتىرىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ .


    چىڭقىلىپ ئاغرىش : ئەگەر ئاخشىمى پۇتتا چىڭقىلىپ ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە ، قان تومۇر سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .چۈنكى قان تومۇرلار ئىچىدىكى توسۇولۇپ قالغان نەرسىلىەر ، قان سۇيۇقلىقىنىڭ مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا يېتىپ بېرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە ، قان تومۇر كېسەللىكى ئاغرىقلىرىنىڭ ئوشۇق قىسمىدا كۆيۈشكەندەك سېزىم بولسا ياكى قولاشسا ئۇنى نېرۋا سىستېىمىسىنىڭ كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . 

 
   قول-پۇتلار قولىشىش : ئامبولاتورىيىدىكى %30ئاغرىقنىڭ پۇت –قولىدا نورمالسىز بولۇش ، توڭلاش ، قىزىش ، يىڭنە سانچىغاندەك ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك بارلىقى بايقالغاندا ، ئىچكى ئاجراتمىلار بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈلىدۇ. ئاغرىق ئەگەر داۋالىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋەتكەن بولسا ، كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسېرى روشەنلىشىش بىلەن بىللە دىئابىت كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا دىئابىت كېسىلى مەنبەلىك پۇت كېسەللىكى كۆرۈلۈشى مۇمكىن . 

 
   كۆيۈشۈپ ئاغرىش : ئەگەر پۇت قىسمىدا كۆيۈشۈپ ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە ، بۇ ئىككىلەمچى دىئابىت كېسىلى بولغان بولۇشى مۇمكىن . دىئابىت ئاغرىقلىرىنىڭ تېرە توقۇلمىلىرى نېپىز بولىدۇ، شۇڭا تېرىسىدە ئاسان زەخمىلىنىش كۆرۈلىدۇ. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى ئون قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۆڭۈل ئېلىشىشنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .