ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەندىكى سىستېمىلار يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدۇ مەسىلەن: قان بېسىمى تۆۋەنلەش، يۈرۈك س

      ئادەم ئۇخلىغاندا بەدەندىكى سىستېمىلار يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدۇ. مەسىلەن: قان بېسىمى تۆۋەنلەش، يۈرۈك سوقۇشى ئاستىلاش، سۈيدۈك مىقدارى كېمىيىش، ماددا ئالمىشىش تۆۋەنلەش، نەپەس ئېلىش ئاستىلاش قاتارلىقلار. ئادەم ئويغانغاندىن كېيىن بەدەندىكى سىستېمىلار يېرىم ئۇيقۇ ھالىتىدىن خىزمەت ھالىتىگە ئۆتۈشكە موھتاج. ئادەم دەرھال ئورنىدىن تۇرغاندا، بەدەن خىزمەت ھالىتىگە ماسلىشىپ بولالمىغانلىقتىن، باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچى تىتىلداش، ھەتتا پۇت – قول ماغدۇرسىزلىنىش، ئىنكاس ئاستا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
 
     ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى: ئويغىنىپلا تۇرۇپ كەتمەي، بەش مىنۇت يېتىۋېلىش ھەم ئون قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، ئاندىن كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ بەلنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە ئاستا تولغاپ بېرىش، كارىۋاتتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش، بەدەن نورمال ھالەتكە كەلگەندە ئەتىگەنلىك چېنىقىش ياكى باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمنىڭ قان تومۇرى ئەتىگەندە ئەڭ چۈرۈك بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قان تومۇرى قېتىشىش، قان تومۇرى تارىيىش كېسىلى بارلار ئورنىدىن تېز تۇرسا، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
 
     بەل ئومۇرتقا كېسىلى بارلار ۋە سۆڭەك كېسىلى بار ياشانغانلار ئەتىگەندە ئويغانغاندا، بەدەن ئورنىنى تۇيۇقسىز ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بەل زەخىملىنىش ۋە سۇنۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
 
     مەزى بېزى يەللىكى، مەقئەت كېسىلى بارلار، ئەڭ ياخشىسى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىككى ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، بەدەندە يېتەرلىك سۇ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى، سۈيدۈكنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۈچەينى تازىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پۇتنىڭ ئاغرىشى بىر نەچچە خىل كېسەللىكتىن بېشارەت بېرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .