كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ شىپالىق روللىرىنى بىلىۋېلىڭ


   مىكروبقا قارشى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك — سامساق، ئۇنى خام يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.  
 
     مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك — بەرەنگە. ئۇ مېڭىگە قان چۈشۈش خەۋپىنى %50 تۆۋەنلىتىدۇ.
 
     يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك — بېلىق گۆشى. كۈندە 30 گرام بېلىق گۆشى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %60 تۆۋەنلەيدۇ.
 
     قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى — ھايۋانات قېنى.
 
     قېرىشقا قارشى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك — سەۋزە. سەۋزە تەركىبىدە كاروتىن ماددىسى مول بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن ئاپەت  ئەركىن رادىكالنى ئۈنۈملۈك توسۇيدۇ.
 
     راكقا قارشى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك — سۇيا پۇرچاق. 
 
     ئۇنىڭدىن باشقا قارا ئۆرۈك قېقى ۋە قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلارمۇ ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا رەڭلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ھەم پايدىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .