يېشىل رەڭ —كۆزنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ سېرىق رەڭ —ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، ھەزىمنى يا

 يېشىل رەڭ —كۆزنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .
 
 
سېرىق رەڭ —ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ .
 
 
  قىزىل رەڭ —نېرۋىنى قوزغىتىپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ ، تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ ، لېكىن قىزىل رەڭگە ئۇزاق قارىسا ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
 
 
   سېرىق رەڭلىك ئۆيلەردە تومۇرنىڭ سوقۇشى نورمال ، ساغلام بولىدۇ . ھاۋا رەڭلىك ئۆيلەردە تومۇرنىڭ سوقۇشى سەل ئاستىلايدۇ . قىزىل رەڭلىك ئۆيلەردە تومۇرنىڭ سوقۇشى تېزلىشىدۇ. 
 
 
   بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمۇ رەڭلەرگە مۇناسىۋەتلىك . قىزىتمىسى ئۆرلىگەنلەر ھاۋا رەڭلىك ئۆيدەتۇرسا ، قىزىتمىسى چۈشىدۇ . قان تومۇرلىرى ئېچىلىدۇ .
 
بىنەپشە رەڭ ھامىلدار ئاياللارنى تىنچلاندۇرۇپ ، ئارام تاپقۇزىدۇ . 
 
قارامتۇل قىزىل رەڭ قان بېسىمى زىيادە تۆۋەنلەرنىڭ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ .
 
قىزىل رەڭ مەيۈسلەنگەن ئاغرىقلارنى روھلاندۇرىدۇ . 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەھەردىكى كېسەللىك سىگناللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى يېمەكلىكلەرنىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .