1 ئەتىگىنى باش قېيىش:نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا زېھنى ئۇچۇق بولۇش كېرەك ئەگەر ئەتىگەن

1.ئەتىگىنى باش قېيىش:نورمال ئەھۋال ئاستىدا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا زېھنى ئۇچۇق بولۇش كېرەك.ئەگەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش ئېغىرلىشش ياكى باش قېيىش ئالامەتلىرى بايقالسا،بۇ بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۆسۈش ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللەردىن بىشارەت بىرىدۇ،چۈنكى بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۆسسە ئارتېرىيلەرنىڭ بېسىلىش ئېھتىمالى بولغاچقا چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتسە قان ئېقىمى ئاستىلاپ قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ.
 
چوڭ مېڭىنىڭ قان ۋە ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشىمۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالى ئادەتتە ئەتىگىنى يۇقىرى بولىدۇ،شۇڭا سەھەردىكى باش قېيىش باش ئېغىرلىششلار كۆپىنچە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى ياكى قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكلىرىدىن بولىدۇ.
 
 
 
     2.بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق:بەزى ياشانغان ئادەملەر ئەتىگەنلىكى سائەت 4-5لەردىلا ئويغىنىپ كېتىپ چارچاش ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ،قايتا ئۇخلىيالمايدۇ،بەلكى ئويغانغاندىن كېيىن ئازراقمۇ يېنىكلىك ھېس قىلمايدۇ،ئەكىسچە ئىچى سىقىلىپ بىئارام بولىدۇ،كېلىنكىلىق كۆزىتىشلەردىن قارىغاندا بالدۇر ئويغىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئاساسەن ھەر تۈرلۈك ىامۇشلۇق ۋە روھى ھالىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان كېسەللەردە بولۇپمۇ خامۇشلۇق كېسىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
 
 
 
     3.ئىششىش:ئادەتتە ساغلام كېشىلەردىمۇ ئەتىگىنى يېنىك دەرىجىدە ئىششىش كۆرۇلىدۇ،لېكىن ئورنىدىنتۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئىششىق 20مىنوت ئىچىدە پۈتۈنلەي يېنىپ كېتىدۇ،ئەگەر ياشانغان كىشىلەردە ئەتىگىنى باش ۋە يۈز قىسمى بولۇپمۇ قاپاق ياكى پۈتۈن بەدەن ئىششىا بۆرەك ياكى يۈرەك كېسەللىكلىرىدىن سىگنال بېرىدۇ.
 
ئادەتتە بۆرەك كېسىلى كەلتۇرۇپ چىقارغان ئىششىق باش بىلەن يۈز قىسمىنى ئاساس قىلىدۇ.سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئىششىق تەدرىجى يېنىكلەيدۇ.لېكىن يۈرەك كېسەللىكلىرىدە پۈتۈن بەدەن ياكى پۇت قول ئىشىشيدۇ.ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىمۇ كېيىنمۇ ئىششىق يوقالمايدۇ،ھەمدە دېمى سىقىلىش يۈرەك سېلىش نەپەس قىيىنلىشش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ،قان ئازلىق كېسەللىكلىرىدىمۇ سەھەردە ئورنىدن تۇرغاندا ئىششىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،لېكىن ئىششىقنىڭ دەرىجىسى نىسسبەتەن يېنىكرەك بولىدۇ.
 
 
 
4.بەدەن قېتىش :سەھەردىكى بەدەن قېتىش دېگىنىمىز ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەن بوغۇملىرى ۋە مۇسكۇللىرى قېتىپ قېلىش ھەرىكەت چەكلىمىگە ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ.ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن بوغۇم ۋە مۇسكۇللار ئاستا-ئاستا بوشايدۇ،ئادەتتە ياشانغان كىشىلەردە ئەتىگىنى يېنىڭ دەرىجىدە بەدەن قېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،بۇ نورمال ھادىسە،چۈنكى ياشانغان ئادەملەرنىڭ نېرۋا-مۇسكۇل پائالىيەتلىرى ئاجىزلايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتىش ھالىتى مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبلىرىدىن بەزى بوغۇم ۋە مۇسكۇللار بېسىلىپ قان بىلەن تەمىنلىنىى ياخشى بولمايدۇ.
 
شۇڭا ئەتىگىنى بەدەن قېتىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.ئەگەر ياشانغان كىشىلەردە ئەتىگىنى ئويغانغاندىن كېيىن بەدەن قېتىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا ھەمدە پۈتۈن بەدەن بوغۇم ھەرىكىتى جانلىق بولمىسا،بۇ رېماتوئىد،رېماتىزىم ۋە سۆڭەك ئۆسۈش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن بىشارەت بېرىلىدۇ.بەزى زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكلەردىن كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ تېرە مۇسكۇلى ياللۇغى تېرە قاتتىقلىشش كېسىلى قاتارلىقلاردىمۇ كۆرۈنەرلىك بەدەن قېتىش ھادىسى كۆرۈلىدۇ.
 
 
 
5.سەھەردە يۈرەك سېلىش ۋە قورساق ئېچىش: بەزى ياشانغان كىشىلەر تاڭ سەھەردە قورساق ئېچىپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ھەمدە يۈرەك سېلىپ بىئاراملىنىش چارچاش ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىدۇ.بىر ئاز نەرسە يېگەندىن كېيىن بۇخىل ئالامەتلەر يېنىكلەيدۇ،لېكىن يەنىلا ئېغىزى قۇرۇپ سۇ ئىچكىسى كېلىپ تۇرىدۇ بۇ خخل ئالامەتلەر ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن تەدرىجىي يوقىلىدۇ.بۇ دىئابېت كېسىلىدىن بىشارەت بېرىدۇ
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا بىرگە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان يىمەكلىكلەر.. تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى رەڭلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ھەم پايدىسى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .