1 كىچىك تەرەتنى مەجبۇرىي قىسىۋېلىش:بۇنداق قىلغاندا دوۋساق ياللۇغى كېسەللىكىنى كەلت

1. كىچىك تەرەتنى مەجبۇرىي قىسىۋېلىش:بۇنداق قىلغاندا دوۋساق ياللۇغى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. قولدىن قاس چىقىرىش: بۇنداق قىلغاندا بارماق ئۈگىلىرى ئاسان قايرىلىپ كېتىش ياكى بارماق ئۈگىلىرى ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىپ،قولنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،ئېغىر بولغاندا رېماتىزم كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. تاماقنى يەپلا ئۇخلاش: بۇنداق قىلغاندا تاماق ياخشى ھەزىم بولمىغاندىن سىرت،سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىنى يۇيماسلىق: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى چىشىنى يۇيمىسا،چىشنىڭ ئاستى قاناش،چىش چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.ئېغىرراق بولغاندا چىش كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ.

5. تاماقنى بەك تۇزلۇق يېيىش:تاماقنىڭ تۇزى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە،بەدەنگە سۇ يىغىلىپ،بۆرەكتىن چاتاق چىقىرىدۇ.نەتىجىدە يۇقىرى قان بېسىم،يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. باشنى ساڭگىلىتىپ ئۇخلاش:بۇنداق ئۇخلىغاندا موسكۇللارغا بولغان بېسىم ئېشىپ كېتىپ،موسكۇللار دەم ئالالمىغاچقا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ.

7. چىشنى چاكىلدىتىش ۋە غۇچۇلدىتىش:بۇنداق قىلغاندا چىش بوشاپ كېتىدۇ.ئېغىر بولغاندا باش،دۈمبە،قۇلاق،تاڭلاي ئاغرىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 8. دۈمچىيىپ مېڭىش:بۇنداق ماڭغاندا ئۆپكىنىڭ نەپەس سىغىمچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىپ،قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9. بەدەنگە چىققان جاراھەتنى سىقىش: بۇنداق قىلغاندا تېرە بۇزۇلۇپ،يۇقۇملانغاندىن سىرت،جاراھەت ئورنى تارتۇق بولۇپ قالىدۇ.

10. كۆزنى كۆپ ئۇۋۇلاش: بۇنداق قىلغاندا قولدىكى مىكروب كۆزگە كىرىپ،كۆز كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سۈت ئىچىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان يەر شارىدىكى ئون چوڭ ئەخلەت يېمەك-ئىچمەكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .