سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى داۋالاش ، ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە ئەمما ئۇ ئىلىمىي ئىستىمال قىلىنمىسا ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرالماي قالىدۇ

 1.ئاچ قۇرساق سۈت ئىچمەسلىك كېرەك. چۈكى سۈت تەركىبىدە مول مىقتاردا ئاقسىل بۇلۇپ، ئاچ قۇرساق سۈت ئىچكەندە بىر قىسىم ئاقسىل ئېنىرگىيىگە ئايلىنىپ كېتىپ، ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلارنى تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. 


2.شىكەر ئارلاشتۇرۇپ سۈت ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكى شېكەر ئادەم بەدىنىدە كىسلاتاغا ئايلىنىپ سۈت تەركىبىدىكى كالتىسىي بىلەن نېيتراللىشىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە مايلار كاللەكلىشىپ ، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ -دە، سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ . 

 
3.سۈت بىلەن دورا ئىچمەسلىك كېرەك. چۈنكلى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى كالتىسىي ، تۈمۈر ماددىلىرى بەزى دورىلار بىلەن تەستە ئېرىيدىغان خىميىلىك بىرىكمىلەرنى ھاسىل قىلىپ ، ئاشقازان ، ئۈچەينىڭ قوبۇل قىلىشىنى قىينلاشتۇرىدۇ ، ھەتتا بەزى دورىلارنىڭ ئۈنىمىنى تۈۋەنلىتىۋېتىدۇ.دورىنى سۈت ئىچىپ 2 سائەتتىن كىيىن ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كېسەلخانىدىن چىققاندا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان يامان ئادەتلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .