ئاغرىقلار كېسەلخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن دوختۇردىن تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ئېنىق سورىۋېلىشى لازىم:



1. كېسەلخانىدىن چىققاندا قويۇلغان دىئاگنوز بىلەن كېسەلخانىغا كىرگەندە قويۇلغان دىئاگنوزز ئوخشامدۇ؟ كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

بۇ ھەقتە ئاغرىقنىڭ كۆڭلىدە سان بولۇشى كېرەك. كېسەلخانىدىن چىققاندا قويۇلغان دىئاگنوز بىلەن كېسەلخانىغا كىرگەندە قويۇلغان دىئاگنوزنى سېلىشتۇرغاندا، كېسەلخانىدىن چىققاندا قويۇلغان دىئاگنوز تېخىمۇ ئەتراپلىق، ئېنىق بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاغرىق ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ. 

 
 
2. كېسەلخانىدىن چىققاندىن كېيىن دورا ئىستېمال قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ – يوق؟ دورا ئىشلىتىش جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش كېرەك.

بۇ كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىغاندا، كېسەل قايتا قوزغىلىشى، ھەتتا ئېغىرلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئاغرىق دورا ئىچمىسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلمىسا، تولۇق ساقىيالمايدۇ. 

 
 
3. كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشى ۋە ياكى يامان سۈپەتلىككە ئۆزگىرىشىدىكى ئالامەتلەرنى بىلىۋېلىش لازىم.

ئاغرىق كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشى ۋە يامانلىشىش ئالامەتلىرىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا داۋالىنىشى، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. 

 
 
4. قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن قايتا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەكلىكىنى، قايسى تۈرلەر بويىچە نۇقتىلىق تەكشۈرتۈش لازىملىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاغرىق يەنە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش توغرىسىدا ساۋاتلارغا ئىگە بولۇشى، يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلىشى، سالامەتلىكىگە ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشى كېرەك. 
 
 
ئاينۇر مۇھەممەد تەييارلىغان

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كاۋاپ بىلەن كولانى تەڭ ئىستىمال قىلىش سۆڭەك راكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سۈت ئىچىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .