ئاچ قورساققا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار بىلەمسىز؟ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا قاراڭ



    سۈت، قېتىق، پۇرچاق سۈتى: بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇنى ئاچ قورساق ئىستېمال قىلغاندا، ئاقسىل خوراپ كېتىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ.


 
   ھاراق: ئاچ قورساققا ھاراق ئىچكەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


 
   چاي: ئاچ قورساققا چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى تېخىمۇ سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە يۈرەك ئېغىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى تىتىلداشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


 
   شېكەر: شېكەر ئاسان ھەزىم بولىدىغان ۋە سۈمۈرۈلىدىغان يېمەكلىك بولسىمۇ، ئاچ قورساققا شېكەر ئىستېمال قىلسا، كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئاجرىلىپ، قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.


 
   بانان: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ماگنىي بولۇپ، ئاچ قورساققا بانان يېگەندە، قاندىكى ماگنىي بىلەن كالتىسىينىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا زىيان يېتىدۇ.
   

   دولانا، ئاپېلسىن: دولانا، ئاپېلسىن تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇنى ئاچ قورساققا يېگەندە، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، قورساق كۆپۈش، سېرىق سۇ يېنىش، ھەتتا ئېغىر ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

 
   سامساق: ئاچ قورساققا سامساق يېگەندە، ئاشقازان شىللىق پەردىسى، ئۈچەي دىۋارىنى قاتتىق غىدىقلاپ، قورساقنى ئاغرىتىدۇ .
 
 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇربا سۈيىنى بىۋاستە ئىچمەڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كاۋاپ بىلەن كولانى تەڭ ئىستىمال قىلىش سۆڭەك راكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .