بەزىلەر تۇربا سۈيىنى بىۋاستە ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ بولۇپمۇ ھاۋا ئىسسىپ كەتكەن، تولا تەرلەيدىغان، ئاسان ئۇسسايدىغان ياز كۈنلىرى تۇربىنى ئېچىپلا دوڭغىيىپ، تۇربىغا ئېغىزىنى ئاپىرىپلا بىۋاستە ئىچىدىغان ياكى مۇزدەك سۇ ئىچىپ ئۇسۇلۇقنى باسىمەن دەپ، تۇربىدىن ئېلى

 
            ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراشتۇر، ھەقىقەتەنمۇ تۇربا سۈيى بىر قاتار سۈزۈش دېزىنفىكسىيىلەش باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈپ ئاندىن قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىز ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ. يەنى سۇ يەر ئاستىدىن تارتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سۈزىلىدۇ ئاقارتىش پاراشۇكى تەركىبىدە (خىلورلۇق ھاك بار)، سۇيۇقلاندۇرۇلغان خىلور ئارقىلىق يەر تەكتىدىن تارتىلغان سۇ دېزىنفىكسىيىلىنىدۇ. 
 
 
            لېكىن ئۇنداق دېزىنفىكسىيىلەش تەرتىپلىرىنىڭ بولۇشىلا سۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئامىل ئەمەس چۈنكى سۇنىڭ سۇ تارقىتىش پونكىتلىرىدا قانچىلىك دەرىجە، سۈپەت، سەۋىيە، دېزىنفىكسىيىلەنگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەم ھېچكىم ئۇنىڭ سۈپەتلىك، مۇتلەق ئىشەنچىلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ. چۈنكى دېزىنفىكسىيىلەش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئامىللار سۇنىڭ دېزىنفىكسىيىلەش سۈپىتىنى چەكلەپ قويىدۇ. مەسىلەن: بەزى ئاقارتىش پاراشۇكلىرى ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالسا ياكى ئۇچۇق قالسا، ھىم ساقلانمىسا ئۇنىڭ دېزىنفىكسىيىلەش سۈپىتى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، ئاقارتىش پاراشۇكى مۇۋاپىق مىقداردا سېلىنمىسا دېزىنفىكسىيىلەش سۈپەتلىك بولمايدۇ، يەنە ئېلىپ تارتىلغان سۇنىڭ سۈپىتى بىلەن پاراشۇكنىڭ سېلىنىش مىقدارىنىڭ ماس نىسبەتتە بولۇش – بولماسلىقىنى سۇنىڭ دېزىنفىكسىيىلىنىش سۈپىتى بەلگىلەيدۇ. 
 
 
            دېمەك نۇرغۇن ئامىللارنى نەزەردە تۇتقاندا بىز تۇربىدىن ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان سۇنى پاكىز بىخەتەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. 
 
            يەنى بىر نوقتىدىن ئويلاشقاندا يەر ئاستىدىن تارتىلغان سۇ ئەسلىدە بەلگىلىك مۇددەت تىندۇرۇلۇپ، سۈزۈلدۈرۈلۈپ توختىتىلىپ ئاندىن تارقىتىلسا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نۇرغۇن ئارلاشما چۆكمە ماددىلار تىنىپ، سۈزۈلۈپ قېپقالاتتى ياكى پارغا ئايلىنىپ كېتەلەيتتى. لېكىن نوپۇسنىڭ ئېشىشى سۇ ئىشلىتىدىغان ئورۇن، ئېھتىياجىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپۈيىشى نەتىجىسىدە بەزى ھاللاردا ھەتتا بىر ياقتىن تارتىپ، بىر ياقتىن دېزىنفىكسىيىلەپ بىر ياقتىن سۇنى تارقىتىپ ئاران ئۆتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە. 
 
 
            ئەلۋەتتە مۇنداق ئەھۋالدا تۇربىدىن كەلگەن سۇنىڭ سۈپىتگە ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. سۇ تارقىتىش پونكىتىدىن تاكى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى تۇربىدىن چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا سۇ قانداق تۇربا يوللىرىدىن ماڭىدۇ. تۇربا يوللىرى داتلىشامدۇ – يوق، سۇ ئۈزلۈكسىز ئايلىنىش جەريانىدا تۇربا يوللىرىدا قانچىلىك چۆكمە، قالدۇق ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ بۇنىڭ قانچىلىكىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇمۇ بىز ھۆكۈم قىلالمايدىغان، ھۆددە قىلالمايدىغان ئ.امىللاردۇر. 
 
 
            يۇقىرىقى بىر قانچە تەرەپلىك ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالغاندا، تۇربا سۈيىنى مۇتلەق بىخەتەر ئىشەنچلىك دەپ كەتىلى بولمايدۇ. 
 
 
            ئىشەنمىسىڭىز تۇربا سۈيىنى بېسىم بىلەن ئېچىپ بىر چىللەك سۇ ئېلىپ قاراپ بېقىڭ. شارقىراپ چۈ شىۋاتقان سۇدا ئاپئاق كۆپۈكچە دۇغلارنى كۆرۈسىز ھەم ئۇششاق ، تولىمۇ ئۇششاق ماددىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسىز. سىز بۇنى ئاقارتىش پاراشۇكلىرىنىڭ تەسىرى دېگىنىڭىزدىمۇ، تېببىي ئىلىم ئاقارتىش پاراشۇكىنىڭمۇ ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك مىقداردا زەرەرى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇڭا بۇنى تىندۇرۇپ، مۇمكىن بولسا قاينىتىپ، دېزىنفىكسىيىلەپ پاكىزلاپ ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىزچىل تۇربا سۈيى ئىشلىتىدىغان تۇربىنىڭ سۈيىنى بىۋاستە قاينىتىدىغان چەينەك – چۆكۈنلەرنىڭ ئاستىدا بىر قەۋەت قېلىن چۆكمە ماددا ھاسىل بولىدۇ. لېكىن كۈن نۇرى كۆرگەن ئاپتاپتا دېزىنفىكسىيىلەنگەن، سۇ – ئۆستەڭ، دەريا سۈيىنى شۇ چەينەككە ئېلىپ بىر – ئىككى قېتىم قايناتسىڭىزلا چۆكمە ماددىلار تولۇق ئاجىراپ چۈشۈپ كېتىدۇ. 
 
 
            مانا بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرقانچە دېزىفىكسىيىلەنگەن تەقدىردىمۇ، چۆكمىلەر ۋە ياكى ئادەم بەدىنىدە باشقا غەيرى چۆكمە، تاش، زەھەرلىك رىئاكسىيە پەيدا قىلغۇچى تەركىب ماددىلار قالىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۆت ، بۆرەككە چۈشكەن تاشنى دەريا سۈيى ئىچىش ئارقىلىق چۈشۈرۈش مۇمكىنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ تۇربا سۈيى ئىچىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى بەدەنگە چۈشىدىغان تۈرلۈك تاشلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزچىل تۇربا سۈيى ئىچىشتىن كۆرىدۇ. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئەمما بىز يەنىلا ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمىز. چۈنكى تۇربا سۈيى كۈن كۆرمەيدۇ، تەركېبىدىكى زەھەرلىك ماددا تەركىبلەر تەبىئىي يۇسۇندا دېزىنفىكسىيىلەنمەيدۇ. بەلكى خېمىيىلىك ئۇسۇلدا دېزىنفىكسىيىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەرىبىر پايدىلىق تەركىبلەر يوقاپ، پەيدا بولماسىلىققا تېگىشلىك يەنى بەزى زىيانلىق ماددىلارمۇ ھاسىل بولۇشى تامامەن مۇمكىن. 
 
 
            تۇربا سۈيىنى ئىچىشكە توغرا كەلگەندە قاينىتىپ ئىچىڭ، تىندۇرۇپ ئىچىڭ، ئۇسۇسلۇق سىزدە بولغاندەك سالامەتلىكمۇ سىزگە لازىم.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاچ قورساققا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .