1 مايسىز يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۈرىدىغانلار : كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنت

 1 . مايسىز يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۈرىدىغانلار : كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدۇ . كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىشقا ماھىر بۇلىدۇ . لىكىن ، ئۆزئالدىغا يالغۇز بىر ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ . 
 
2 . تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۈرىدىغانلار : قىزغىن ، ئۇچۇق ، چىقىشقاق كىلىدۇ . بىراق ئازراق ئاجىز ، قورقۇنچاق كىلىدۇ . 
 
3 . ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۈرىدىغانلار : پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بۇلۇپ ، ئۆزئالدىغا مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ . بىراق كۆپرەك باشقىلارنىڭ كەينىدىن سۆزلەيدىغان نوخسانلىرى بار . 
 
4 . مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۈرىدىغانلار : مىجەزى مۇلايىم ، ھەرقانداق كىشى بىلەن چىقىشالايدۇ . دائىم دىگۈدەك ئارتۇقچە خىيال سۈرىدۇ . ئۈزىنى كۆرسىتىشنى خالىمايدۇ . 
 
5 . چىلىغان سەينى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار : ئېغىر بېسىق ، جاپاغا چىدايدۇ . پىلانلىق ئىش ئېلىپ بارالايدۇ .ئادەتتە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ھىسياتقا ئانچە ئىتبار بىرىپ كەتمەيدۇ .يۇغانچىلىقى يوق . بىراق بىر نەرسىگە تىز قىزىقىپ ، تىز سۇۋۇيدۇ . 
 
6 . دۈملەپ پۇشۇرۇلغان تاماقلارنى ياخشى كۈرىدىغانلار : مىجەزى ئېغىر بۇلۇپ ، بىر ئىشلاردىن ئاسان تەسىرلىنىپ كەتمەيدۇ . 
 
 7 . سوغوق يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۈرىدىغانلار : تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقۇرى ، غەيرەتلىك كىلىدۇ . بىراق ئۈزىنى كۆرسۈتۈشنى خالىمايدۇ ، ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ . 
 
8 . گۈرۈچ تاماقنى ياخشى كۈرىدىغانلار : ئۆز كۆڭلىنى ئۈزى خوش قىلىپ يۈرىدۇ . دائىم ئۆز - ئۈزىدىن پەخىرلىنىدۇ .ئىشلارنى ئەتراپلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ ، لىكىن باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خالىمايدۇ . 
 
9 . ئۇندا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەرنى ياخشى كۈرىدىغانلار : بىر قەدەر ئىخلاسمەن ، ئىنتىلىشچانلىقى كۈچلۈك ، مىجەزى ئىتتىك ، يول كۆرسۈتۈشكە ئامراق كىلىدۇ . بىراق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا جۇرئىتى كەمچىل . مەنبە : < سالامەتلىككە دائىر مەسلەھەت >

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۆمرى قىسقا بولىدىغان كىشىلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .