ئۇيقۇسىزلىقتا مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال بار: بىرىنچى خىلدىكىلەر ئۇخلىمىقى تەس ئادەملەر ، يەنى كارۋاتقا چىقىپ ياتقاندىن كىيىن خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالمايدىغانلار


 ئۇيقۇسىزلىقتا مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋال بار: 
 
بىرىنچى خىلدىكىلەر ئۇخلىمىقى تەس ئادەملەر ، يەنى كارۋاتقا چىقىپ ياتقاندىن كىيىن خىلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالمايدىغانلار، بۇلارنىڭ تولىسى زىيادە جىددىي ئادەملەر بولۇپ، ئۇلاردا ناھايىتى ئاسانلا جىددىلىشىش ،ھاياجانلىنىش ، ئەندىشە ، بىئارام بولۇش قاتارلىق ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ ، بولار مېڭىنىڭ ئويغاق پائالىيەتچانلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ . 
 
يەنە بىر خىلى، بىردەم ئۇخلاپ ، بىردەم ئويغىنىدىغان ئادەملەر، بۇنداق ئادەملەر كېچىدە ئويغىنىپ كەتسە خېلى ئۇزۇندىن كىيىن ئاندىن قايتا ئۇخلىيالايدۇ. بۇنداق ئادەملەر تاشقى دۇنيادىكى شەپە، ھەركەت ھەم ئۆز بەدىنىدىكى بىئاراملىقلارغا ناھايىتى سەزگۈر بولغاچقا ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىپ ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمايدۇ . 
 
ئۈچىنچى خىلدىكىلەر ، ئۇيقۇدىن بالدۇر ئويغۇنىدىغانلار بولۇپ، بۇلار تاڭ - سەھەر ئىككى - ئۈچلەردە ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن ، خىيالىغا بەزى ئازاپلىق ، ئادەمنى ئۆمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىشلار كىرىۋالغانلىقتىن بىئارام بولۇپ ، كەيپىياتى بەكلا يامانلىشىپ كىتىدۇ - دە قايتا ئۇخلىيالمايدۇ. 
 
 
ئۇيقۇسىزلىقنىڭ دەردىنى تارتىدىغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
 
1. ھەر كۈنى ۋاقتىدا يىتىپ، ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇش، بەك كۆپ ئۇخلىماسلىق لازىم. 
 
2. قانۇنىيەتلىك ھەركەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كىرەك، مەسىلەن : چوڭقۇر نەپەس ئىلىش بىلەن مۇسكۇللارنى بوشىتىش ھەركىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەش ، پۇت ئالقىنىنى ئۇۋۇلاش ياكى ئاغزىنى ئىچىپ نەپەس چىقىرىپ، بۇرۇندا نەپەس ئىلىش، بۇنداق نەپەس ئالغان ۋە چىقارغاندا ئادەم ئۆزىنى راھەت ۋە خاتىرجەم ھىس قىلىدۇ. 
 
3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىسسىق سۇدا پۇت يۇيۇش، جىم ئولتۇرۇش، مۇۋاپىق سەيلە قىلىشقا ئوخشاش يىنىك ئىشلارنى قىلىش لازىم . 
 
4. ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى بىر ئىككى سائەت ئىچىدە قەھۋە، ھاراق، تاماكا قاتارلىق غىدىقلىغۇچى نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتىش، شۇنداقلا كەچلىك تاماقنى كۆپ يىمەسلىك لازىم. 
 
5.ئ ۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۈت ياكى بىرەر پارچە تورت دىگەندەك نەرسىلەرنى يىسە ئۇيقۇغا پايدىسى بار، ئەمما مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. 
 
6. ھوجرا ئۆي تالاش- تارتىش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان جاي ئەمەس، بەلكى مەخسۇس ئۇخلايدىغان جاي. كارۋاتنىمۇ مەخسۇس ئۇخلاشقىلا ئىشلىتىش لازىم، كارۋاتتا ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش مۇۋاپىق ئەمەس، 
 
بۇنىڭدىن باشقا ، ھوجرا ئۆينىڭ چىرىقى ، تېمپېراتۇرسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ، شۇنداقلا ھوجرا ئۆي ناھايىتى تىنچ بولىشى لازىم. 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا پۇتنى ئۇۋىلاپ داۋالاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئىشتىھايىڭىزدىن خاراكتىرىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .