تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدە خىلمۇ-خىل ئۆزگۈرۈشلەر بولدى بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى مەسىلەن پۇت ئۇۋۇلىتىش، ھوردىنىش قاتارلىق سورۇنلار كىشىلەرنىڭ

          پۇتنى ئۇۋىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى ئۈنىمى كۆرىنەرلىك، ئىشەنچىلىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە << پاشويە>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل داۋالاشتا ئاغرىقنىڭ پۇتىنى مەخسۇس تەييارلانغان مۇۋاپىق ئىسسىقلىقتىكى سۈ چىلانغان داسقا چىلاپ، 20 مىنوت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان ئىسسىقلىق ياغنى پۇتقا سۈرتۈپ، ئۇۋىلاش قايدىسى بويىچە ئىككى تىزنىڭ ئاستىدىن تاپان قىسمىغىچە 20 مىنۇت ئۇۋلىنىدۇ.

          پۇتنى ئۇۋىلاپ داۋالاشنىڭ ئاساسلىق پايدىلىق تەرەپلىرى مۇنداق:


1 . قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. پۇت قىسمىغا يىغىلىپ قالغان غەيرىي تەبىئىي خېلىتلار چىقىپ كېتىدۇ.

2 . ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ ۋە بەدەننىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

3 . ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ. پۇت قىسمىدىكى ھەرقايسى بەز رىفلىكس رايونلىرىنى ئۇۋىلاپ بەرسە، ھەرقايسى ئىچكى ئاجىراتما بەزلەرنىڭ ئىقتىدسارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ.

4 .بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

5 . جىددىلىكنى تۈگىتىدۇ. پۇتنى ئۇۋىلىغاندىن كېيىن ئۇيقۇ ياخشىلىنىدۇ، ئىشتىھا ئېچىلىدۇ، تەرەت راۋانلىشىدۇ روھىي كەيپىيات ياخشىلىنىپ، ئادەم يەڭگىللەپ قالىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق قىلغاندا كۆز خالتىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇخلىيالمايدىغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .