كۆز خالتىسى تۆۋەنكى قاپاقنىڭ ئىششىپ قېلىشى بولۇپ، قاپاق تېرىسى ناھايتىى نېپىز، تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى نېپىز ھەم شالاڭ بولغانلىقتىن، ناھايىتى ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ

            كۆز خالتىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىرسىيەت ناھايىتى مۇھىم بىر ئامىل. يەنە كېلىپ ئۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ روشەنلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۆرەكتە كېسەللىك بولۇش، ھامىلىدارلىق مەزگىلى، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق ياكى تۈنەش، ھارغىنلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاپاقتىكى تەن سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ يىغىلىپ كۆز خالتىسى شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ خىل ھالەت كىشىنى تولىمۇ قېرى ۋە سۇلغۇن كۆرسىتىدۇ.


             كۆز خالتىسى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كېسەلگە قاراپ دورا بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر كېسەللىك سەۋەبىدىن بولسا داۋالىتىش كېرەك. ئەگەر باشقا تەرەپلەردىكى سەۋەبەلردىن بولغان بولسا، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن بىرقانچە خىل تەدبىر ۋە گىرىم قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ:

             1) يېتەرلىك ئۇخلاش ۋە ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇنى ئاز ئىچىش ھەمدە ياستۇقنى ئېگىزرەك قويۇپ، قاپاققا ئاسان يىغىلىۋالىدىغان سۇنى قان ئايلىنىش ئارقىلىق تارتىۋېتىش.

             2)قاپاقنى دائىم ئۇۋۇلاپ، مۇسكۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

             3) سەۋزە، پەمىدۇر، ياڭيۇ، ھايۋان جىگىرى، پۇرچاق قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن A ۋە B لار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

             4) گىرىم قىلغاندا رەڭگى تۇتۇقراق ئۇپىلىق ماي بىلەن يۈز تېرىسىنىڭ رەڭگىنى تەڭشەش، كۆز خالتىسى شەكىللەنگەن ئورۇننىڭ رەڭگىنى يۈزىنىڭ رەڭگى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇ يەرگە بەك ئاق مايلارنى سۈرمەسلىك كېرەك، بولمىسا، كۆز خالتىسى تېخىمۇ روشەنلىشىپ كېتىدۇ.

             5) كۆز، قاش ۋە لەۋلەرنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى كۆز خالتىسىدىن باشقا ياققا بۇراش


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كومپىيۇتىر ۋە ساغلاملىق تەھتىدى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پۇتنى ئۇۋىلاپ داۋالاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .