ئىنتېرنېت دۇنياسى كىشىلەرگە سان سېفىرلارنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ، كېسەللىكمۇ ئېلىپ كەلمەكتە نۆۋەتتە ، كومپيوتىر بىلەن ئىنتېرنېت تورى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ دېققەت ئىتىباۋارىنى قوزغاشقا باشلىدى

              كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، كۆپلىگەن كىشىلەر كومپۇتېرتاختىسى ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكنى ئانچە بايقاپ كەتمەيدۇ .

                 كومپۇتېرتاختىسى بىر ئەخلەتخانىغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىدە چاڭ توزان ، چاچ ، تەر ، كىرپىك قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن سىرت كومپۇتېر تاختىسى ئۈستىدا زور مىقداردا زەمبۇرۇغ ، ھەم كۆپ خىل باكتىرىيەلەر بولىدۇ .

                ئەنگىلىيەدىكى بىر تەتقىقات نەتجىسىدە مۇنداق دىيىلگەن ، كومپۇتېر ئىكرانىدىن چىققان رادىئاكسىيە دولقۇنى ھەم ماگىنىت دولقۇنى 7~19خىلغىچە بولغان كېسەللىك ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . مەسىلەن كۆز قىچىشىش ، بويۇن دۈمبە ئاغرىش ، قىسقا ۋاقىتلىق ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىش ، ئۇرۇشقاق بولۇش ھەم خامۇشلۇق قاتارلىقلار . كۆز قىچىشىش ، قۇرغاق بولۇش ، ئىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندىمۇ كۆزنى ئاسراشقا دېققەت قىلمىسا ، كۆزنىڭ مۈڭگۈزلۈك پەردىسىدىكى ئۈستۈنكى قەۋەت ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىپ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال داۋاملاشسا ، كۆزنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىگە قاتتىق تەسىر يېتىدۇ  .

                بويۇن قىسمىدىكى مۇسكۇللار ھەم يۇمشاق توقۇلمىلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارتىشىش ھەم ھارغىنلىق »بويۇن دۈمبە يىغىندى ئالامىتى« نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئەگەر ۋاقتىدا ئارام ئېلىش ھەرىكەت قىلىش ۋە داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلمىسا ، بۇ خىل يىغىندى ئالامەت تەرەققىي قىلىپ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە ئايلىنىدۇ .  


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق كىشىلەر خۇاسىڭ(يەر ياڭىقى)نى ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق قىلغاندا كۆز خالتىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .