ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ياشلار ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان mp3 (يەنى مۇزىكا قويۇش) ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇزۇن نائۇشنىكى قۇلاققا كىيىۋالىدىغان چوڭ نائۇشنىكلاردىن كۆركەم بولسىمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈش مۈمكىنچىلىكىمۇ

               رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا غەربىي شىمال ئونۋېرسىتېتى ئالاقە ئىلمى فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى گارگېست مۇنداق دېگەن: "mp3 ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ناخشا- مۇزىكا ئاڭلاش دەرىجىسىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ؛ ئەمما بىز ياشلارنىڭ ناخشا- مۇزىكا ئاڭلىغاندا ئاۋازنى چوڭ قويۇۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئۇلار ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ".

                 گارگېست يەنە مۇنداق دېگەن: "mp3 ئارقىلىق ناخشا- مۇزىكا ئاڭلايدىغان كىشىلەر ئادەتتە ئۇزۇن نائۇشنىكنى بىۋاستە قۇلاققا تىقىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاۋاز سىگنالىنى 9 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئەمما، نائۇشنىك قۇلاقتا ئۇنچىلىك ھىم تۇرمايدىغان بولۇپ، دائىم باشقا ئاۋازلار ئارىلىشىپ كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاڭلىغۇچى باشقا ئاۋازلارنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن mp3نىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ؛ ئەمما ئۇلار باشقا ئاۋازلارنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن ناخشا- مۇزىكا ئاۋازىنى يۇقىرى قويۇۋالسا ئاڭلاش ئىقتىدارىغا بەلگىلىك زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ".

                 بۇنداق خەتەر mp3 (يەنى مۇزىكا قويۇش) ئاپپاراتى ئىشلەتكۈچىلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئوپتىك دېسكا قويۇش ئاپپاراتى ۋە يانچۇققا سېلىۋالىدىغان ئۇنئالغۇ قاتارلىق ئاپپاراتلارغىمۇ نائۇشنىك ئىشلىتىلىدۇ. 80- يىللاردىن بۇيان، ئاڭلاش ئىقتىدارى مۇتەخەسسىسلىرى كىشىلەرنى بۇ خىل ئاپپاراتلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرۇشقا باشلىدى.

                 mp3 (يەنى مۇزىكا قويۇش) ئاپپاراتى يانچۇققا سېلىۋالىدىغان ئۈنئالغۇ ۋە ئوپتىك دېسكا قويۇش ئاپپاراتىغا قارىغاندا، باتارىيىسىنىڭ يېتىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق ۋە ناخشا- مۇزىكا سىغىمچانلىقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدا ناخشا ئاڭلاش ۋاقتى تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچراش تەھدىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 


ئالدىنقى ماقالىمىزدا يىل بويى زۇكام بولماسلىقنىڭ ئۇسۇللىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق كىشىلەر خۇاسىڭ(يەر ياڭىقى)نى ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .